يۇقىرى قىزىتمىلىق تارتىشىش دېگەن نېمە؟
نېمە ئۈچۈن
يۇقىرى قىزىتمىلىق تارتىشىش كىچىك بالىلاردا ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان تارتىشىشنىڭ بىرى. تەتقىقاتتا ئىسپاتلىنىشىچە، يۇقىرى قىزىتمىلىق تارتىشىش كىچىك بالىلاردىكى ھەر قانداق تارتىشىشنىڭ 30% ئەتراپىدا ئىگىلەيدۇ. ھازىرچە يۇقىرى قىزىتمىلىق تارتىشىشقا نىسبەتەن تېخى بىر بىرلىككە كەلگەن يەكۈن يوق. جۇڭگودىكى كۆپ ساندىكى ئالىملار يۇقىرى قىزىتمىلىق تارتىشىشنىڭ تۆۋەندىكى بىر نەچچە ئالاھىدىلىكى بار دەپ قارايدۇ:
1. بىرىنچى قېتىم قوزغالغان يېشى ئۈچ ئايلىقتىن تۆت، بەش ياش ئارىلىقىدا؛
2. يۇقىرىقى نەپەس يولى يۇقۇملىنىش ياكى باشقا يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە يۈز بېرىدۇ؛
3. بەدەن تېمپېراتۇرىسى 38℃ دىن يۇقىرى بولغاندا تۇيۇقسىز تارتىشىش (دۆلىنىش) يۈز بېرىدۇ؛
4. باش ئىچى يۇقۇملىنىش ياكى باشقا تارتىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئەزا خاراكتېرلىك (مەسىلەن: باش ئىچى قاناش قاتارلىقلار) نى ياكى مېتابولىزم خاراكتېرلىك غەيرىيلىك (مەسىلەن: فېنىل كېتون سىيىش كېسىلى قاتارلىقلارنى) چىقىرىۋېتىش؛
5. ئىلگىرى قىزىماي تارتىشىش تارىخى يوقلار.