نېمە ئۈچۈن يېقىلماس قونچاقنى يېقىتقىلى بولمايدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
يىقىلماس قونچاق ئويناپ باققانلارنىڭ ھەممىسىگە ئايانكى، ئۇنىڭ قانداقلا ئىتتەرسىمۇ يىقىلمايدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى نىمە؟
بۇ يىقىلماس قونچاقنىڭ قۇرۇلمىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. يىقىلماس قونچاقنىڭ گەۋدىسى ناھايىتى يېنىك بولىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئاستىدا بىر پارچە ئېغىرراق قوغۇشۇن ياكى تۆمۈر پارچىسى بار، شۇڭا يىقىلماس قوچاقنىڭ پۈتۈن ئېغىرلىقى ئاستىغا مەركەزلەشكەن، يەنى ئۇنىڭ ئېغىرلىق مەركىزى ناھايىتى تۆۋەن. يەنە بىر تەرەپتىن، يىقىلماس قونچاقنىڭ ئاستى يېرىم يۇمىلاق بولۇپ، ئاسان مىدىرلايدۇ، يىقىلماس قونچاق بىر يانغا قىڭغايغاندا ئۇنىڭ يۆلەك نۇقتىسى (يىقىلماس قونچاق بىلەن شىرەنىڭ ئۇچرىشىش نۇقتىسى) مۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۆزگىرىدۇ. بۇ چاغدا ئېغىرلىق مەركىزى يۆلەك نۇقتىسى بىر تۈز سىزىقتا بولمايدۇ. ئەسلىي ئورنىغا كېلىش ئۈچۈن يىقىلماس قونچاق ئېغىرلىق كۈچىنىڭ تەسىرىدە يۆلەك نۇقتىسىنى ئايلىنىپ مىدىرلايدۇ. يىقىلماس قونچاقنىڭ قىڭغىيىش دەرىجىسى قانچە چوڭ بولسا، يۆلەك نۇقتىسى بىلەن ئېغىرلىق مەركىزىنىڭ گورىزونتال ئارىلىقى شۇنچە چوڭ بولىدۇ ھەم مىدىرلاش دەرىجىسىمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ، .ئۇنىڭ ئەسلىدىكى ئورنىغا كېلىش يۈزلىنىشىمۇ شۇنچە كۆرۈنەرلىك بولىدۇ. شۇڭا قاندقلا ئىتتەرگەن بىلەنمۇ يىقىلمايدۇ.
ئەمەلىيەتتە ھەر قانداق جىسىم ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئېغىرلىق مەركىزى قانچە تۆۋەن بولسا ئاستى كۆلىمى شۇنچە چوڭ بولىدۇ ھەم شۇنچە مۇقىم بولىدۇ. مەسىلەن، يېرىم سۇ قاچىلانغان بوتۇلكا ناھايىتى مۇقىم بولىدۇ، قۇرۇق بوتۇلكا ياكى لىق سۇ قاچىلانغان بوتۇلكا ئاسان ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ؛ تەكشى قويۇلغان خىش تىك قويۇلغان خىشقا قارىغاندا مۇقىم بولىدۇ. مۇشۇقائىدە تۈپەيلىدىن ئادەملەر نەرسىلەرنى دۆۋىلەپ قويغاندا ئېغىر نەرسىنى ئاستىغا، يېنىك نەرسىنى ئۈستىگە قويىدۇ