UyghurWiki
UyghurWikiنەمەباشقا پلانېتا ئادەملىرىگە يوللانغان تۇنجى تېلېگراممىغا نېمىلەر يېزىلغان؟

باشقا پلانېتا ئادەملىرىگە يوللانغان تۇنجى تېلېگراممىغا نېمىلەر يېزىلغان؟

نېمە ئۈچۈن 1974 - يىلى ئالىملار پۇئېرتورىكو يانار تېغى ئېغىزىدىكىئارشىۋو رەسەتخانىسى ئارقىلىق، سامانيولى سىستېمىسىدىكى گېركۇلېس يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى بىر شارسىمان يۇلتۇز توپى (M13) غا باشقا پلانېتا ئادەملىرىگە ئاتاپ تۇنجى تېلېگراممىنى يوللىدى. تېلېگرامما بىر قاتار <0> بىلەن <1> دىن تەشكىل تاپقان ئىككىلىك سىستېما رەقەملىرىدىن ھاسىل قىلىنغان 6791 دانە بەلگىدىن ئىبارەت. ئەگەر باشقا پلانېتا ئادەملىرى تەسەۋۋۇرىمىزدىكىدەك ئەقىللىق بولىدىغان بولسا، بۇ 1679 - دانە <0> بىلەن <1> دىن تەشكىل تاپقان بەلگىنى كەڭلىكى 23 قاتار، ئۇزۇنلۇقى 73 قۇر بولغان تىك تۆت بۇلۇڭلۇق شەكلىدە تىزىپ چىقلايدىكەن. شەكىلنىڭ ئەڭ ئۈستۈنكى بىر قۇرى 1, 2, 3, 4, 5, 6, 7, 8, 9, 10 دىن ئىبارەت بۇ ئون رەقەمنىڭ ئىككىلىك سىستېما ۋاكالەت نومۇرى بولىدىكەن؛ ئۇنىڭ ئاستىدىكىسى يەر شارىدىكى ھاياتلىقنى تەشكىل قىلغۇچى مۇھىم بەش خىل ئېلېمېنت - ھىدروگېن، كاربون، ئازوت، ئوكسىگېن، فوسفورنىڭ ئاتوم رەت نومۇرىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئىككىلىك سىستېما نەقىشىدىن ئىبارەت بولىدىكەن؛ ئۇنىڭدىن كېيىنكى تۆت قۇر نەقىش بولسا دىسوكسىرىبوزانۇكلېيىك كىسلاتا، فوسفات كىسلاتا پارچىلىرى ۋە تۆت خىل ئىشقار رادىكالىنىڭ مولېكۇلا شەكلىنى ئىپادىلەيدۇ؛ ئۇنىڭ ئاستىدىكى ئىككى ئەگرى سىزىق DNA مولېكۇلىسىنىڭ قوش بۇرمىسىمان تۈزۈلۈشىنى ئىپادىلەيدۇ. ئۇنىڭ ئاستىدىكىسى بىر يەر شارى ئادىمىنىڭ ئوبرازىدىن ئىبارەت، ئۇنىڭ ئىككى يېنىغا رەقەملەر يېزىلغان، ئوڭ تەرەپتىكىسى يەر شارى نوپۇسىنى ئىپادىلەيدىغان ساندىن ئىبارەت. يەر شارى ئادىمىنىڭ ئاستىدىكى بىر قۇر ئوڭدىن سولغا قۇياش ۋە توققۇز چوڭ سەييارىنى ئىپادىلەيدىغان نەقىشتىن ئىبارەت، ئۇنىڭ ئاستىدىكى ياي شەكىللىك نەقىش مۇشۇ تېلېگراممىنى يوللىغان رادىئو تېلېسكوپقا ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇ تېلېگرامما جەمئىي ئۈچ مىنۇت يوللانغان. ئالىملار، MI3 يۆنىلىشىدىن قارىغاندا، يەر شارى مۇشۇ ئۈچ مىنۇت ئىچىدە پۈتكۈل سامانيولى سىستېمىسى بويىچە رادىئو يالتىراقلىقى ئەڭ يۇقىرى ئاسمان جىسمى بولۇپ قالىدۇ دەيدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە