يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى تۇنجۇقۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەب نېمە؟
نېمە ئۈچۈن
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ تۇنجۇقۇشى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار تۇغۇلغاندا نەپىسى بولماسلىق ياكى نەپەسلىنىشى چەكلىمىگە ئۇچراشنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر تۇغۇلغاندا تۇنجۇقۇش بولماي بىر نەچچە مىنۇتتىن كېيىن نەپەسلىنىش چەكلىمىگە ئۇچراشمۇ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى تۇنجۇقۇشقا مەنسۇپ بولىدۇ. ھامىلە ياكى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ قاندىكى ئوكسىگېننىڭ قويۇقلۇقىنى تۆۋەنلىتىدىغان ھەر قانداق ئامىلنىڭ ھەممىسى تۇنجۇقۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى تۇنجۇقۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەب تۆۋەندىكى ئۈچ تەرەپكە بۆلۈنىدۇ:
1. ئانا تېنى ئامىلى. ئانىنىڭ يېشى 35 ياشتىن يۇقىرى ياكى 16 ياشتىن تۆۋەن بولۇش، كۆپ كېزەكلىك ھامىلىدارلىق؛ ئانىدا دىئابېت كېسىلى، ئاستا خاراكتېرلىك يۈرەك، بۆرەك كېسىلى، ئېغىر قان ئازلىق قاتارلىقلار بولۇش؛ ئانىدا تۇغۇتتىن ئىلگىرى ھامىلىدارلىق يۇقىرى قان بېسىمى يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى، ئالدىن بېشارەت بولغان ھامىلىدارلىق تۇتقاقلىقى، ھامىلىدارلىق تۇتقاقلىقى، بالا ھەمراھى بالدۇر چۈشۈش، بالا ھەمراھى ئالدىغا ئورۇنلىشىش، بالا ھەمراھى ئىقتىدارى يېتەرلىك بولماسلىق قاتارلىقلار بولۇش.
2. تۇغۇت ئامىلى. كىندىك بويۇنغا يۆگىشىۋېلىش، چىگىلىشىش، چىقىۋېلىش؛ يۇقىرى ئورۇنلۇق تۇغۇت قىسقۇچى، ساغرا ئالدىن كېلىپ قېلىش، ھامىلە بېشىنى شوراپ تارتىش ئوڭۇشلۇق بولماسلىق قاتارلىق تۇغۇت ئوپېراتسىيىسى؛ تۇغۇت جەريانىدا ناركوز دورىسى، ئاغرىق توختىتىش دورىسى، تۇغۇش تېزلىتىش دورىسى قاتارلىقلارنى نامۇۋاپىق ئىشلىتىش.
3. تۆرەلمە ئامىلى. بالدۇر تۇغۇلغان بوۋاق، گىگانت بوۋاق، تۇغما غەلىتىلىك مەسىلەن: بۇرۇن ئارقا تۆشۈكى پۈتەيلىك، ئۆپكە تولۇق كېڭىيەلمەسلىك، تۇغما يۈرەك كېسىلى قاتارلىقلار، بالىياتقۇ يۇقۇملىنىش كەلتۈرۈپ چىقارغان نېرۋا سىستېمىسى زىيانغا ئۇچراش قاتارلىقلار.