UyghurWiki›نەمە›نېمە ئۈچۈن تەسۋىر كۆرۈنىدىغان تېلېفوندا ھەم سۆزلەشكىلى، ھەم ئادەمنىڭ سۈرىتىنى كۆرگىلى بولىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن تەسۋىر كۆرۈنىدىغان تېلېفوندا ھەم سۆزلەشكىلى، ھەم ئادەمنىڭ سۈرىتىنى كۆرگىلى بولىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
تەسۋىر كۆرۈنىدىغان تېلېفوننى ئىشكلەتكەندە قارشى تەرەپنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپلا قالماي يەنە تېلېفوندا قارشى تەرەپنىڭ سۈرىتىنىمۇ كۆرگىلى بولىدۇ.
تەسۋىر كۆرۈنىدىغان تېلېفوننىڭ ئېكرانىدا كۆرۈنىدىغان سۈرەتنى تېلېۋىزىيە ئىستانىسى ئەۋەتكەن بولماستىن، بەلكى تېلېفون سىمى ئارقىلىق كەلگەن بولىدۇ. تېلېفون ئېكرانىنىڭ ئۈستى تەرىپىدىكى كىچىك تۆشۈك ئىچىگە ھەجىمى كىچىكرەك بولغان يېرىم ئۆتكۈزگۈچلۈك يورۇقلۇق ئۆتكۈزىدىغان سۈرەتكە ئېلىش قۇرۇلمىسى ئورنىتىلكغان. تېلېفون ئۇلارنغاندىن كېيىن بۇ قۇرۇلما تېلېفون ئۇرغۇچىنىڭ سۈرىتىنى تارتىۋالىدۇھەمدە ئېلېكتر سىگنالىغا ئايلاندۇرۇپ، ئۇنى ئاۋاز بىلەن بىللە قارشى تەرەپكە يوللاپ بېرىدۇ. تېلېفوندا سۆزلەشكۈچى يەنە بىر تەرەپنىڭ تېلېفون ئېكرانى ئېلېكتر سىگنالنى ئەسلىدىكى سۈرەتكە ئايلاندۇرۇپ بېرىدۇ. ھەرىكەت قىلىۋاتقان سۈرەت سىگنالنى يوللاش ئۈچۈن، سۈرەتكە تارتىش قۇرۇلمىسىنىڭ سۈرەتكە تارتىش، تەسۋىر كۆرسىتىش سۈرئىتى بەك تېز بولۇشى، سۈرەت سىگنالىنىڭ چاستوتا بەلۋېغى تۆت - سەككىز مېگاگېرتس بولۇشى كېرەك. بۇنداق يۇقىرى چاستوتىنىڭ تېلېفون سىمىدا تارقالغاندىكى خورىشى ناھايىتى كۆپ بولىدۇ. شۇڭا، ھازىر ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، تەسۋىر كۆرسىتىش سانىنىڭ يېرىمى ئازايتىلىپ، چاستوتا بەلۋېغىنىڭ كەڭلىكى بىر مېگاگېرتسقىچە تارايتىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، تېلېفون سىمىنىڭ ھەر 1700 كىلومېتىر ئارىلىقىغا بىر ئوتتۇرىدىن ئۇلىغۇچ ئورنىتىلىپ، ئاجىزلاشقان ئېلېكتر سىگنالى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلىدى. ئەمما چاستوتا بەلۋېغىنىڭ كەڭلىكى بىر مېگاگېرتىسقىچە بولغاندىمۇ يەنىلا 250 سۆزلىشىش لىنىيىسىنى ئىگىلەيدۇ. شۇڭا، نۆۋەتتە تەسۋىر كۆرۈنىدىغان تېلېفوننىڭ ئىشلىتىلىشى،كېڭەيتىلىشى ۋە ئومۇملىشىشى بەلگىلىك چەكلىمىگە ئۇچراۋاتىدۇ.