نېمە ئۈچۈن باسما ئېكراننى بوش بېسىپ قويسىلا كومپيۇتېر ئىنكاس قايتۇرىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ھازىر بەزى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەيدىغان ۋە ئۇچۇردىن مەسلىھەت بېرىدىغان ئورۇنلاردا، مەسىلەن، كۇتۇپخانا، كىتابخانا، دورىخانا، ئۆي - مۈلۈك سودا ئورۇنلىرى قاتارلىق جايلاردا باسما ئېكران ئورنىتىلغان كومپيۇتېرلارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. بۇ خىل كومپيۇتېردا مەشغۇلات قىلىش ئىنتايىن قۇلايلىق، پەقەت بارماق بىلەن ئېكراندىكى كۆرسەتكۈچنى بوش بېسىپ قويساقلا، كومپيۇتېر ئىزدىمەكچى بولغان مەزمۇننى كۆرسىتىپ بېرەلەيۇ. بۇنىڭدا، قول مائۇسنىڭ ئورنىدا كومپيۇتېرنىڭ خىزمىتىگە قوماندانلىق قىلىدۇ.
نېمە ئۈچۈن باسما ئېكراننى بوش بېسىپ قويسىلا، كومپيۇتېر ئىنكاس قايتۇرالايدۇ؟ ئەسلىدە، باما ئېكراندىكى ھەر بىر كىچىك رايون بىر <ئىقتىدارلىق ۋىكليۇچاتېل> غا توغرىلانغان. باسما ئېكران بىلەن ئادەتتىكى ئېكران ئوخشاشمايدۇ. ئۇنىڭ سول يۇقىرى بۇرجىكى بىلەن ئوڭ تۆۋەن بۇرجىكىگە گورىزونتال ۋە ۋېرتىكال يۆنىلىشتە ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى تارقىتىدىغان <ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى تارقاتقۇچ>، ئوڭ يۇقىرى بۇرجىكىگە ئىككى دانە ئۆز ئارا ماس بولغان <ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى قوبۇللىغۇچ> ئورنىتىلغان. باسما ئېكران قوزغالغاندىن كېيىن، ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى تارقاتقۇچ توختىماستىن ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى تارقىتىپ تۇرىدۇ. بارماق بىلەن ئېكراندىكى كۆرسەتكۈچنى باسقاندا، بارماق بىر قىسىم ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىنى توسۇۋالىدۇ ھەم قوبۇل قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن، ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىنىڭ كۈچى خېلىلا ئاجىزلىشىدۇ. بارماقنىڭ بېسىلىش ئورنى ئوخشاش بولمىغاچقا، ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىنىڭ ئاجىزلىشىش دەرىجىسىمۇ ئوخشاشمايدۇ. ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى قوبۇللىغۇچ ئاجىزلاشقان ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ناھايىتى تېزلا بارماقنىڭ ئورنىنى توغرا ھېسابلاپ چىقىدۇ. كومپيۇتېر بارماق ئورنىغا ئاساسەن، دەرھال ماس پروگراممىنى قوزغىتىپ، ئالدىن لايىھىلەپ قويۇلغان بىر قاتار بۇيرۇقلارنى ئىجرا قىلىدۇ.