UyghurWiki
UyghurWikiنەمەساقلىغان سۈتنى بالىغا قانداق بېرىش كېرەك؟

ساقلىغان سۈتنى بالىغا قانداق بېرىش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن گەرچە بىز ئانا سۈتى بىلەن بالا باققاندا ئېمىزگۈ ئىشلەتمەسلىكنى قايتا - قايتا چۈشەندۈرگەن بولساقمۇ، بىراق بەزىدە ئېمىزگۈ ئىشلىتىشكە مەجبۇر بولىمىز. ئانا ئىشقا بارىدىغانغا ئوخشاش ئالاھىدە ئەھۋالدا ئېمىزگۈنىڭ بولۇشىمۇ ياخشى ئىش، ئەسكەرتىشكە تېگىشلىكى شۇكى، ئىشقا چۈشۈشتىن ئىلگىرىكى بىرقانچە ھەپتىدە بالىغا ئېمىزگۈدە سۈت بېرىشنى مەشىق قىلىش كېرەك، بەزى بالىلار ئانىسى يېنىدا تۇرسا ئېمىزگۈ ئېمىشكە ئۇنىمايدۇ. بىراق ئانىسى يوق ئەھۋالدىلا ئۇ ئۆزىگە قاراۋاتقان كىشىنىڭ قولىدىكى ئېمىزگۈنى قوبۇل قىلىدۇ. ئەگەر بالا يەنىلا ئۇنىمىسا، ۋاقىتلىق بولسىمۇ ئىستاكاننى ئىشلىتىپ تۇرۇش كېرەك. شۇڭا ئانىنىڭ ئورنىدا بالىغا قارايدىغان ئادەم بىلەن بالىسىنى تونۇشتۇرۇشى شۇنداقلا بالىغا ئانىنىڭ ئالدىدا ئېمىزگۈ ئېمىشنى ئۆگىتىش كېرەك. مۇبادا بالا يەنىلا ئۇنىمىسا، ئېمىزگۈنى بالىنىڭ قورسىقى ئاچقاندا بېرىش شۇنداقلا ئانىنىڭ كىيىمى بىلەن بالىنى ئوراپ، ئۇنىڭغا ئانىنىڭ پۇرىقىنى پۇرىغۇزۇپ، ئانىسىنىڭ قۇچىقىدا ياتقاندەك ھېس قىلدۇرۇپ، سىناق ئاساسىدا ئۇنى قۇچاقلاپ ئۇياقتىن - بۇياققا مېڭىپ، ئۇنى تىنچلاندۇرۇش كېرەك ياكى بالا ئۇخلىغان ۋاقىتتا، ئېمىزگۈنى ئۇنىڭ ئاغزىغا تىقىپ قويۇپ، ئېمىزگۈ تۆشۈكىنى مۇۋاپىق تېشىش خىلمۇخىل قىياپەتتە بالىنى ئېمىتىپ بېقىش كېرەك. بىراق بالا يەنىلا ئېمىزگۈنى رەت قىلسا، ئىستاكان، تېمىتقۇچ قاتارلىق نەرسىلەر بىلەن بەرسىمۇ بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
ساقلىغان سۈتنى بالىغا قانداق بېرىش كېرەك؟ | UyghurWiki | UyghurWiki