UyghurWiki
UyghurWikiنەمەردىئاكسىيىگە قارشى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنىڭ نېمە رولى بار؟

ردىئاكسىيىگە قارشى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنىڭ نېمە رولى بار؟

نېمە ئۈچۈن باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدلەر ئچىىدە، رادىئاتسىيىگە قارشى بىر خىل باشقۇرۇلدىغىان سىنارەد(رادرغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد دەپمۇ ئاتىلىدۇ) بولۇپ، مەخسۇس دۈشمەننىڭ رادار سىستېمىسىغا ھۇجۇم قىلىشقا ئىشتلىتىلىدۇ، شۇڭا ئۇ رادارنىڭ <كۈشەندىسى> دەپ ئاتىلىدۇ. بىزگە مەلۇمكى، رادار ھازىرقى زامان ئۇرۇشىدا كەڭ ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل تەكشۈرۈش قورالى، ئۇ خۇددى ئادەمنىڭ كۆزى ۋە قۇلىقىغا ئوخشاش بولۇپ، يىراقتىن ئايروپىلان، باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد قاتارلىق ھۇجۇم قوراللىرىنى بايقىيالايدۇ. ئەگەر رادار سىستېمىسى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىسا، كۆز ۋە قۇلاق رولىنى يوقىتىپ قويغاندەك ئىش بولىدۇ- دە، دۈشمەننىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇش تەسكە چۈشىدۇ، ئۆزىنىڭ قوراللىرىنىڭ ھۇجۇم قىلىشى ۋە مۇداپىئە كۆرۈشىگىمۇ يېتەكچىلىك قىلالمايدۇ. مەلۇم دەرىجىدىن ئېيتقاندا، دۈشمەننىڭ رادار سىستېمىسىغا ئۈنۈملۈك ھوجۇم قىلىش ناھايىتى مۇھىم ھېسابلىنىدۇ. رادار ئېلېترو ماگىنىت رادىئاتسىيىسىدىن پايدىلىنىپ تەكشۈرىدىغانلىقتىن، ھاۋا بوشلۇقىدىن ئۆتكەن بۇ ئېلېكترو ماگىنت سىگنالى ناھايىتى ئاسانلا بايقىلىپ قالىدۇ. رادىئاتسىيىگە قارشى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنى ئېلىپ يۈرگەن ئايروپىلان ھاۋا بوشلۇقىدا دۈشمەن رادارىنىڭ رادىئاتسىيە دولقۇنىنى ئۈزۈۋالغاندىن كېيىن، شۇ ھامانلا باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد دۈشمەننىڭ باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدى چىقارغان رادىئاتسىيە دولقۇنىنى يېتەكچى قىلىپ، <پېلەك ياقىلاپ قوغۇن ئىزدەش> شەكلىدە ئەگىشىپ، ئاخىرىدا دۈشمەننىڭ رادار پوزىتسىيىسىنى ۋەيران قىلىپ تاشلايدۇ. بەزى چاغلاردا، رادار رادىئاتسىيىسىگە قارشى باشقۇرۇلىدىغان سنارەدنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، رادار ئاپپاراتىنى ئېتىپ قويۇش شەكلىنى قوللىنىپ يوشۇرۇنۇشقا توغرا كېلىدۇ. بىراق ئىلغار رادىئاتسىيىگە قارشى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدلەرگە نازۇك پەرقلەندۈرۈش سىستېمىسى ۋە ئەستە ساقلاش سىستېمىسى ئورنىتىلغان بولۇپ، پەقەت دۈشمەننىڭ رادار ئاپپاراتى ئىلگىرى ئېچىلغانلا بولسا، ئۇنىڭ ئورنى، ئارىلىقىنى <خاتىرىلىۋالىدۇ>، دېمەك، رادىئاتسىيىگە قارشى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد نىشاننى ئاللىقاچان قامال قىلىۋالغان بولۇپ، خۇددى <سار چۈجىنى تۇتقاندەك> نىشانغا دەل توغرا زەربە بېرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە