ئانىغا قانداق مۇھىت ھازىرلاپ بېرىش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
ئانا سۈتى بىلەن بالا بېقىشتىكى ياخشى بولغان مۇھىت ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىن باشلىنىشى كېرەك، ئايالىڭىز بىلەن تېخى تۇغۇلمىغان بالىڭىزنى ئانا سۈتى بىلەن بېقىشقا قارار قىلغان بولسىڭىز، بۇ كۆز قارىشىڭىزدا چىڭ تۇرۇڭ. ئاياللار كۆپىنچە ھاللاردا ئىككىلىنىپ ۋە باشقىلارنىڭ گېپىگە ئوڭاي ئىشىنىپ قالىدۇ. ئەر بولۇش سالاھىيىتىڭىز بىلەن تەۋرەنمەي، چىڭ تۇرۇشىڭىز كېرەك. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئانا سۈتى بىلەن بالا بېقىشنىڭ تۈپكى نېگىزىنى چۈشىنىش ئاساسىدا پەيدا بولىدۇ. ئايالىڭىزغا ياردەملىشىپ، ئائىلىڭىزدىكىلەرنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئانا سۈتى بىلەن بالا بېقىشقا ئىشەنچ تۇرغۇزۇشىڭىز كېرەك. ئىشەنچ بولسا ئانا سۈتى بىلەن بالا بېقىشنىڭ ئاساسى. ئانا سۈتى بىلەن بالا بېقىشقا قارشى تۇرغۇچىلار ياكى ئايالىڭىزغا ئۆزىڭىزنىڭ پىكرى بويىچە سۆزلەپ، ئايالىڭىزنى قايمۇقتۇرىدىغان دوستلار ۋە تۇغقانلار بولسا بۇلارنى سىلىقلىق بىلەن رەت قىلىشىڭىز ۋە ئۇلارنى يوقلاشنى توختاتسىڭىز بولىدۇ. بولمىسا ئانا بىلەن بالىنىڭ بىللە تۇرۇپ، ھېسسىيات تىكلەشتىكى ۋاقتى ۋە زېھنىي قۇۋۋىتىنى ئىسراپ قىلىدۇ، دائىم ئايالىڭىزنى ئىلھاملاندۇرۇپ ۋە قوللاپ تۇرۇشىڭىز شۇنداقلا ئۇنىڭغا <سىز ھەقىقەتەن ياخشى ئانا> دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىشىڭىز كېرەك. ئىشىنىمىزكى، بۇ خىل مۇھىتتا ئانا سۈتى بىلەن بالا باققاندا، چوقۇم غەلىبە قازانغىلى ۋە ئەر - ئايال ئوتتۇرىسىدىكى ئىشەنچ ۋە ھېسسىياتمۇ چوڭقۇرلىشىدۇ.