UyghurWiki
UyghurWikiنەمەسۈنئىي ئۇرۇق دېگەن نىمە؟

سۈنئىي ئۇرۇق دېگەن نىمە؟

نېمە ئۈچۈن ئۇرۇق ئۆسۈملۈكلەرنڭ ئېچىلىش، چاڭلىنىش، ئۇرۇقلىنىشى ئارقىلىق بارلىققا كېلىدىغان نەسىل قالدۇرۇش ۋاستىسى. بىراق، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا ئۇرۇق ھەققىدىكى ئۇقۇم ئىنتايىن كەڭ مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، يەنى كېڭەيتىلگەن تەكرار ئىشلەپچىقىرىشقا قالدۇرۇشقا بولىدىغانلىكى ئۆسۈملۈك تېنىنىڭ ھەممىسى ئۇرۇق دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، تاتلىقياڭيۇنىڭ يىلتىزى، ياڭيۇنىڭ تۈگۈنەك غولى، شېكەر قومۇشنىڭ غول بوغۇمى، شال، بۇغداي ۋە كۆممىقوناقلارنىڭ ئۇرۇقى (ئەمەلىيەتتە دېنى) قاتارلىقلار. سۈنئىي ئۇرۇق يۇقىرىدا ئېيتىلغان بۇ ئۇرۇقلارغا ئوخشاشمايدۇ، ئۇ توقۇلمىلارنى كۆپەيتىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، ئۆسۈملۈكنىڭ غول، يوپۇرماق قاتارلىق ئەزالىرىنى قوزغىتىپ تۆرەلمىسىمان تەنچە ياكى بىخ ھاسىل قىلىپ، سىرتىنى بىر قەۋەت كوللوئىد بىلەن ئوراپ، ئاندىن ئۇنى خۇددى ئۇرۇققا ئوخشاش بىۋاستە تېرىشقا ئىشلىتىشتىن ئىبارەت. مەسىلەن، شالغۇتلاشتۇرۇلغان كەرەپشىنىڭ سۈنئىي ئۇرۇقىنى تەييارلاشتا، ئالدى بىلەن مىكروپسىز شارائىتتا شالغۇتلاشتۇرۇلىدىغان كەرەپشە مايسىسىنىڭ يۇمران غولىنىڭ ياپىلاق كەسمىسىنى قوزغىتىپ، ئەسلىگە كەلگەنم توقۇلمىغا ئايلاندۇرۇپ، ئاندىن ئۇنى باشقا بىر خىل ئۆستۈرگۈچكە يۆتكەپ، پارچىلاندۇرۇش ئارقىلىق تەدرىجىي ھالدا كۆپ مىقداردىكى يېشىل يامبۇ شەكىللىك تۆرەلمىسىمان تەنچىلەر ھاسىل قىلىنىدۇ، ئاندىن تۆرەلمىسىمان تەنچىلەرنىڭ سىرتىغا بىر قەۋەت كوللوئىد (يېلىم) سۈرتۈپ، دانە - دانە كوللوئىدلىق كۇمىلاچ ئۇرۇق ياسىلىدۇ. سۈنئىي ئورۇقنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئۇنىڭ ياشاش مۇھىتىنى ياخشىلاپ، كوللوئىد ئىچىگە كېرەكلىك مىكرو جانلىقلار، ئوت - چۆپ يوقىتىش دورىسى ياكى باشقا دېھقانچىلىق دورىلىرىنى قوشۇش لازىم. كوللوئىدقا ئىسسىق ئۆتكەندىن كېيىن ئاسانلا ئىچىدىكى تەنچىگە يەملىشىۋالىدىغانلىقتىن، كوللوئىدلىق كۇمىلاچنىڭ سىرتىغا يەنە يەملىشىۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان بىر قەۋەت <ئۇرۇق پوستى> ئوراش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن، شالغۇتلاشتۇرۇلغان بىر تال سۈنئىي كەرەپشە ئۇرۇقى تەييار بولىدۇ. سۈنئىي ئۇرۇق پروبىركىدا يېتىشتۈرۈش بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخى تۆۋەن بولۇش؛ تۆرەلمىسىمان تەنچە جىنىسسىز كۆپەيتىلگەن بولغاچقا، ئۇنىڭ ئەۋلادى تۇراقلىق شالغۇت ئەۋزەللىكىگە ئىگە بولۇشتەك نۇرغۇن ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە.
← بارلىق تېمىلار نەمە