نېمە ئۈچۈن كۆكيۆتەل، بوغما، تىتانۇس ئۈچ بىرلەشمە ۋاكسىنىسى ئوكۇلقىلىنىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
كۆكيۆتەل، بوغما، تىتانۇس ئۈچ بىرلەشمە ۋاكسىنىسى يەنە كۆكيۆتەل، بوغما، تىتانۇس ئۈچ بىرلەشمە ئوكۇلى (كۆكيۆتەل، بوغما، تېتانۇس ئۈچ بىرلەشمە ئارىلاشما مەھسۇلاتى) دېيىلىپ، ئاساسلىق كۆكيۆتەل، بوغما ۋە تېتانۇسنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. كۆكيۆتەل، بوغما، تىتانۇس ئۈچ بىرلەشمە ۋاكسىنىسى كۆكيۆتەل باكتېرىنى، بوغما توكسوئىدى، تىتانۇس توكسوئىدىدىن تەركىب تاپقان ئۈچ بىرلەشمە ۋاكسىنا، ئۇ بالىلارنىڭ كۆكيۆتەل، بوغما، تىتانۇس قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللەرگە بولغان قارشىلىق كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. كۆكيۆتەل، بوغما، تېتاتۇس ئۈچ بىرلەشمە ۋاكسىنىسىنىڭ ئاساسىي ئىممۇنىتېتى ئۇدا ئۈچ قېتىم ئۇرغاندا ئاندىن ئۈنۈملۈك بولۇپ، تۇغۇلۇپ ئۈچ ئايلىق، تۆت ئايلىق، بەش ئايلىقىدا ئارقا - ئارقىدىن ئۈچ قېتىم ئۇرۇلىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، بۇ ئانتىتېلا پەقەت بەلگىلىك ۋاقىت ساقلىنىدۇ. شۇڭا مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن يەنە كۈچەيتىشكە، 5.1 ~ 2 ياش ۋە ئالتە يېشىدا ئىككى قېتىم كۈچەيتىپ ئوكۇل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ