قەۋزىيەت (ئىچى قېتىشىش) قانداق ئىش؟
نېمە ئۈچۈن
بالىنىڭ قەۋزىيەت بولۇپ قېلىش ھالىتى چوڭ تەرەت قېتىم سانىنىڭ ئادىتى بارغانسېرى ئازلايدۇ، ھەتتا ئىككى - ئۈچ كۈندە ياكى بىرقانچە كۈندىمۇ چوڭ تەرەت كەلمەيدۇ شۇنداقلا چوڭ تەرىتى قۇرغاق، قاتتىق بولىدۇ. ھەقىقىي ئانا سۈتى بىلەن بېقىلغان بالىلاردا قەۋزىيەت ئىنتايىن ئاز كۆرۈلىدۇ چۈنكى ئانا سۈتىنىڭ ئاشقازان - ئۈچەينىڭ ھەرىكىتى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش رولى بار. قەۋزىيەت بولۇپ قالغان بالىلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ تامىقىدا كاربون - سۇ بىرىكمىلىرى، سەي ياكى سۇ يېتەرلىك ئەمەس، ياكى سەي - كۆكتات، مېۋە - چېۋە قاتارلىقلاردىكى تالالارمۇ ناھايىتى ئاز. ساپ ئانا سۈتى بىلەن بېقىلغان بالىلارنىڭ بالىلىق دەۋرىدىن باشلاپلا چوڭ تەرىتى ياخشى بولىدۇ، قەۋزىيەتنى داۋالاشنىڭ ئۇسۇلى — تاماقنى تەڭشەش ۋە ۋاقتىدا تەرەت قىلىش. سۈنئىي ئۇسۇلدا بېقىلغان بالىلارنىڭ كالا سۈتى تەركىبىدىكى قەنت كۆپ ياكى ئاز مىقداردا گۈرۈچ شېكىرى بولىدۇ ھەم ئىككى قېتىملىق ئېمىتىش ئارىلىقىدا، سەي شىرنىسى، مېۋە شىرنىسى قاتارلىقلارنى كۆپ بېرىدۇ. ئانا سۈتى بىلەن بېقىلغان بالا قەۋزىيەت بولغاندا، ئانىنىڭ سۈتى يېتەرلىكمۇ - يوق؟ دېگەننى كۆزىتىپ، باشقا سۈت يېمەكلىكلىرىنى مۇۋاپىق قوشۇش ياكى ئىككى قېتىملىق ئېمىتىش ئارىلىقىدا شېكەر سۈيى ياكى يېڭى مېۋە شەربىتى قاتارلىقلارنى بېرىش كېرەك. نىسبەتەن چوڭ بالىلارغا سەي - كۆكتات، مېۋە - چېۋە، گۈرۈچ ئۇمىچى قاتارلىقلارنى بالدۇرراق قوشۇپ بېرىش كېرەك. بەزىدە يېڭى كالا سۈتىنى قېتىققا ئۆزگەرتىپ بەرسىمۇ، چوڭ تەرەتنى راۋان قىلىدۇ شۇنداقلا بالىنىڭ كىچىكىدىن باشلاپلا ياخشى تەرەت ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشىگە ياردەم بېرىدۇ، ھەر كۈنى ئاز دېگەندىمۇ بىر قېتىم تەرەت قىلغاندا، بەدەندىكى كېرەكسىز نەرسىلەرنى ۋاقتىدا چىقىرىۋېتىپ، ئاشقازان، ئۈچەي يولىنى ياخشىلاپ، قەۋزىيەت مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ. داۋاملىق قەۋزىيەت بولىدىغان بالىلارغا نىسبەتەن بالىلار بۆلۈمىگە ئاپىرىپ، تۇغما كېسەلمۇ - ئەمەسمۇ؟ دېگەنلەرنى تەكشۈرۈتۈش كېرەك