UyghurWiki
UyghurWikiنەمەئانا قانداق ۋاقىتتا بالا ئېمىتسە بولمايدۇ؟

ئانا قانداق ۋاقىتتا بالا ئېمىتسە بولمايدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئادەتتە، ھەممە ئانا ئۆز بالىسىنى ئېمىتىدۇ، ئۆز بالىسىنى ئېمىتەلمەسلىك ناھايىتى ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولسىمۇ، تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدە ئەھۋال ئاستىدا بالىنى قەتئىي ئېمىتمەسلىك كېرەك: 1. ئانا يۇقۇملۇق كېسەلگە گىرىپتار بولغان بولسا مەسىلەن: ھەرىكەتچان خاراكتېرلىك ئۆپكە تۇبېركۇلوزى، يۇقۇملۇق جىگەر ياللۇغى قاتارلىقلارغا گىرىپتار بولغان بولسا يەنە ئانىنىڭ تەن سالامەتلىكى ياخشى بولماي، ئۆز بالىسىغا قاراشقا شارائىت يار بەرمىسە ھەم كېسەللىك مېخانىزمنىڭ بالىغا يۇقۇش ئېھتىمالى بولسا، بۇ خىل ئەھۋالدا دوختۇرنىڭ تەكلىپى بويىچە بالىنى سۈنئىي ئۇسۇلدا بېقىش كېرەك. 2. ئانا نىسبەتەن ئېغىر بولغان ئاستا خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغان بولسا مەسىلەن: ئېغىر يۈرەك كېسىلى، بۆرەك كېسىلى قاتارلىقلار. ئانىنىڭ تېنى بىر ئاز ئاجىز بولغاچقا، بالا ئېمىتكەندە ناھايىتى كۆپ كۈچ سەرپ قىلىشقا توغرا كەلگەچكە، ئانىنىڭ كېسىلىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. بالىدىنمۇ ئوبدان خەۋەر ئالغىلى بولمايدۇ، بۇ بالىنىڭ سالامەتلىكىگىمۇ پايدىسىز. 3. ئەگەر ئانا روھىي كېسەل بولسا، يەنىلا ئېمىتىشكە بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ بالىدىن ئوبدان خەۋەر ئالالمايدۇ، شۇنداقلا بالىغا نىسبەتەن بىخەتەر ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە روھىي كېسەللەر ئىستېمال قىلىدىغان دورىلار سۈت تەركىبىگە سىڭىپ كىرىپ، بالىنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزىدۇ. 4. قەنت سىيىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئانىلارنىڭمۇ بالىنى ئىمىتىشىگە بولمايدۇ، بىراق يېمەك - ئىچمەك ۋە ئىنسۇلىن ئارقىلىق داۋالاپ، كېسەللىك ئەھۋالى مۇقىم بولغاندا ئاندىن ئېمىتسە بولىدۇ. 5. ئەگەر تۇغقان ۋاقىتتا قان كۆپ كېلىپ كېتىپ، قان ئازلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولسا، بەدىنى ئاجىزلاپ كەتكەن بولسىمۇ ئېمىتىشكە بولمايدۇ. 6. ئەگەر ئانا دائىم خىمىيىلىك، زەھەرلىك بۇيۇملار ۋە فوسفور، قوغۇشۇن، سۇلياۋ، كاۋچۇك قاتارلىق نەرسىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرسا، سۈتنىڭ تەركىبىدىمۇ مۇشۇنداق زەھەرلىك ماددىلار بولۇپ، بىۋاسىتە بالىنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر قىلىدۇ. شۇڭا، بالىنى ئېمىتىشكە بولمايدۇ. 7. تۇتقاقلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئانا ئەگەر بالا ئېمىتقۋاتقان ۋاقىتتا كېسىلى قوزغىلىپ قالسا، بالىغا نىسبەتەن خەتەرلىك. ئەگەر دورا ئىچسە، بالىغا تەسىرى بولىدۇ، شۇڭا بالىنى ئېمىتمەسلىك كېرەك. 8. گالاكتوزىلىق قان كېسىلى ۋە فېنىل كېتون سىيىش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بالىلار ئانا سۈتىنى ياكى سۈت خاراكتېرىدىكى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلماسلىقى كېرەك. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئانىسى بالىلىرىنى ئېمىتسە بولمايدۇ
← بارلىق تېمىلار نەمە