UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن سىنكنى كۆپ تولۇقلاش مۇۋاپىق ئەمەس؟

نېمە ئۈچۈن سىنكنى كۆپ تولۇقلاش مۇۋاپىق ئەمەس؟

نېمە ئۈچۈن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بالىلارغا سىنىك تولۇقلاش مودا بولۇپ قالغاچقا، تەركىبىدە سىنىك بولغان ھەر خىل يېمەكلىكلەر، مەسىلەن، تەركىبىدە سىنك بولغان پىچىنە، ئىچىملىك، يۇقىرى سىنىكلىق كەمپۈت قاتارلىقلار ئارقا - ئارقىدىن ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ ھەم بازاردىكى سېتىلىش مىقدارى زور ھەجىمدە ئېشىۋاتىدۇ. لېكىن سىنىك بەك كۆپ تولۇقلانسا سالامەتلىككە پايدىلىق ئەمەس. چۈنكى، ئادەم تېنى ئۇزاق مۇددەتكىچە سىنك بىلەن ھەددىدىن زىيادە تولۇقلانسا، ئۈچەينىڭ تۆمۈرنى قوبۇل قىلىشىنى توسۇپ قويىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئادەم تېنىدىكى تۆمۈر ماددىسى ئازىيىپ كېتىدۇ. ئادەمنىڭ ئۆمرىدە ئۆسمۈرلۈك ۋاقتى ئۆسۈپ يېتىلىشنىڭ مۇھىم باسقۇچى، شۇڭا تۆمۈرگە بولغان ئېھتىياج بىر قەدەر زور بولىدۇ. ئەگەر ئادەم تېنىدە تۆمۈر مىقدارى ئاز بولسا، تۆمۈر يېتىشمەسلىك كەم قانلىق كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ياكى ئېغىرلىتىۋېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئادەم تېنىدە سىنك مىقدارى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتسە، خولېستېرولنىڭ ئالمىشىش ئىقتىدارىغا تەسىر يېتىدۇ - دە، قاندىكى خولېستېرولنىڭ مىقدارى بەك ئېشىپ كېتىدۇ. قاندا خولېستېرول مىقدارى بەك كۆپ بولسا، بالىلار چوڭ بولغاندىن كېيىن ئارتېرىيە كېتىشىش ۋە تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىمالى كۆپىيىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ھەددىدىن ئارتۇق سىنك ئادەمنى بىۋاستە زەھەرلەپ قويۇشى، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش، قىزىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشى، ئېغىر بولسا، ھەتتا ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن. ئادەتتە، ساغلام بالىلارنىڭ سىنكقا بولغان ئېھتىياجى ئانچە يۇقىرى بولمايدۇ، ھەر كۈنى ئالتىدىن سەككىز مىللىگرام بولسىلا كۇپايە. ئەگەر بالىلار تاماق تاللىمىسا، بىرەر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالمىغان بولسا، ئالاھىدە سىنىك تولۇقلاشنىڭ ھاجىتى يوق، ھەر كۈندىكى ئۈچ ۋاقلىق يېمەك - ئىچمەك ئادەم بەدىنىنىڭ سىنكقا بولغان ئېھتىياجىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ. تېنىدە سىنك ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل بولغان ئاز ساندىكى بالىلارغا سىنك تولۇقلاشقا بولىدۇ، ئەمما دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىش كېرەك. تېنىدە سىنك مىقدارى ئازراق كەمچىل بولغان بالىلار تەركىبىدە سىنك مول بولغان يېمەكلىكلەر، مەسىلەن، قۇرۇق مېۋە ۋە پۇرچاق ئۈندۈرمىسى قاتارلىقلار ئارقىلىق تولۇقلىسا بولىدۇ، چوقۇم تەركىبىدە سىنك بولغان دورا ياكى سىنك بىلەن كۈچەيتىلگەن يېمەكلىكلەرنى يېيىش ھاجەتسىز.
← بارلىق تېمىلار نەمە
نېمە ئۈچۈن سىنكنى كۆپ تولۇقلاش مۇۋاپىق ئەمەس؟ | UyghurWiki | UyghurWiki