UyghurWiki
UyghurWikiنەمەتەييار سۈت ئانا سۈتىنىڭ ئورنىنى باسالامدۇ؟

تەييار سۈت ئانا سۈتىنىڭ ئورنىنى باسالامدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ھازىر كۆپىنچە ئانىلار خىزمەتتىكى ئاياللار بولۇپ، گەرچە ئۇلارنىڭ تۇغۇت ئارامى بولسىمۇ، بىراق بوۋاقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئانا سۈتىگە بولغان تەلىپىنى قاندۇرالمايدۇ، پەقەت ئىشقا چىقىشتىن ئىلگىرى ۋە كەچلىكى بىر قېتىم بالىنى ئېمىتەلەيدۇ. بازاردا سېتىلىۋاتقان سۈت تەركىب جەھەتتە ئانا سۈتىگە ئاساسەن يېقىنلاشقان شۇنداقلا بەك قۇلاي بولسىمۇ بىراق ئۇ ئانا سۈتىنىڭ ئورنىنى ھەرگىز باسالمايدۇ، چۈنكى ئانا سۈتىدىكى مەلۇم تەركىبلەر ئايرىم بولىدۇ. مەسىلەن: ئىممۇنىتېتلاش شەكلىدىكى ئاقسىل ئېپىدىرمىسىنى ئۆستۈرگۈچى ئېلېمېنت قاتارلىقلار. بۇلار بوۋاقلارنىڭ يېتىلىشىگە نىسبەتەن ناھايىتى پايدىلىق، ئانا سۈتى تەركىبىدىكى مىنېرال ماددىلار بىر ئاز مۇۋاپىق بولۇپ، ئوڭاي ھەزىم قىلىنىدۇ. تەييار سۈتكە گەرچە ناھايىتى كۆپ ئوزۇقلۇقلار قوشۇلسىمۇ، ئوڭاي ھەزىم قىلىنمايدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
تەييار سۈت ئانا سۈتىنىڭ ئورنىنى باسالامدۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki