UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن بوۋاقلارغا ۋىتامىن D نى تولۇقلاش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن بوۋاقلارغا ۋىتامىن D نى تولۇقلاش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن ۋىتامىن D ئادەم بەدىنى ئۆزلۈكىدىن بىرىكتۈرىدىغان بىر خىل ۋىتامىن. قۇياش نۇرى ئۇلترا بىنەپشە نۇرىنىڭ چۈشۈشى بىلەن تېرىدىكى 7 - دېھىدروخولېستېرول ۋىتامىن D غا ئۆزگىرىدۇ. ۋىتامىن D كالتسىيىنىڭ سۈمۈرۈلۈشى ۋە ساقلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بوۋاق بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ماددا. ئۇ قالقانسىمان يان بەز ھورمونى بىلەن بىرلىكتە قاندىكى كالتسىي تەكشىلىكىنىڭ تۇراقلىقىنى ساقلاش رولىنى ئوينايدۇ. نورمال بولغان قاندىكى كالتسىي تەكشىلىكى بولسا سۆڭەك كالتسىيلىشىش، نېرۋا كوندۇكسىيەسى ھەمدە مۇسكۇل چىڭقىلىشتا كەم بولسا بولمايدىغان شەرت. دائىم قۇياش نۇرى مۇنچىسىغا چۈشۈپ تۇرۇش بەدەن ئىچكى ئاكتىپلىقى بولغان ۋىتامىن D نىڭ بىرىكىشىگە پايدىلىق. ۋىتامىن D مىقدارى مول بولغان يېمەكلىكلەرنى يەنى تۇخۇم سېرىقى، ھايۋانات جىگىرى قاتارلىقلارنى يەپ بەرسىمۇ بولىدۇ. ۋىتامىن D نىڭ كەمچىل بولۇشى بوۋاق بالىلاردا راخىت كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى ئەڭ ئاساسلىق سەۋەب. شۇڭا ئۆسۈپ يېتىلىشىنىڭ يۇقىرى پەللىسىدە تۇرۇۋاتقان بوۋاقلارغا بېلىق جىگىرى مېيىنى مۇۋاپىق مىقداردا قوشۇپ بېرىش ئارقىلىق ۋىتامىن D نى تولۇقلاش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە