UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن بەزى بالىلارنىڭ تۇغۇلۇشى بىلەن ئەقلىي ئىقتىدارى تۆۋەن بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن بەزى بالىلارنىڭ تۇغۇلۇشى بىلەن ئەقلىي ئىقتىدارى تۆۋەن بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ياش ئائىلە باشلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن كىممۇ ئۆزىنىڭ ساغلام پەرزەنتى بولۇشنى ئارزۇ قىلمايدۇ. بىراق ھەمىشە تېببىي جەھەتتىكى بىلىمىنىڭ كەمچىل بولۇشى ۋە ھامىلە، بوۋاقنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكىگە سەل قاراش ۋە مۇھىتنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن، ئاقىۋەتتە ئۆزى ئارزۇ قىلغاندىكىدەك ئىش بولمايدۇ. ئېغىر بولغاندا، ئەقلىي قابىلىيىتى تۆۋەن بولىدۇ. ئۇنداقتا، قانداق ئەھۋال ئاستىدا ئەقلىي ئاجىز بالىلار تۇغۇلىدۇ؟ بىر سەۋەبى بولسا، بالا بەختكە قارشى ئالدىنقى بىر ئەۋلادنىڭ ناچار ئىرسىي گېنىغا ۋارسلىق قىلغان. مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئائىلە ئەزالىرى ئىچىدە، روھىي كېسەل ۋە ئەقلىي قابىلىيىتى ناچار بولغانلار بولسا، تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتى تۆۋەن بولۇش ئېھتىماللىقى مۇشۇ ئائىلىدىكى ئەر - ئاياللارنىڭكىدىن ئۈستۈن بولىدۇ. ئەقلىي قابىلىيىتى تۆۋەن بولۇش ھادىسىسى ئائىلە ئىچىدە توپلانغان ھادىسە بولۇپ قالىدۇ. بەزى ئەر - ئاياللارنىڭ ئائىلىسىدە گەرچە بۇنداق كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار بولمىسىمۇ، بىراق تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش تۈپەيلىدىن، تۇخۇمدان ياكى ئۇرۇقتىكى ئىپادىسى ئىرسىي گېننىڭ ئۆزلۈكىدىن تۈپەيلىدىنمۇ ئەقىللىق بولمىغان بالىلارنىڭ تۇغۇلۇشى كېلىپ چىقىدۇ. يەنە بىر سەۋەب، بالا ھامىلە ۋاقتىدا ناچار مۇھىتنىڭ غىدىقلىنىشىنى قوبۇل قىلغان بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن: نۇر دەستىسى، ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنى قاتارلىقلار بالىنىڭ نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ئاجرىتىلىشى ۋە يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن بولۇشى ياكى بالىنىڭ فروموسومانىك غەيرىي نورماللىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى بالىلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ تۆۋەن بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يەنە بىر سەۋەب، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە مەلۇم بىر خىل كېسەل بىلەن يۇقۇملانغان بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن: يەلتاشما ۋىرۇسى، زور ھۈجەيرە ۋىرۇسى قاتارلىقلار ھامىلىنىڭ بالىياتقۇ ئىچىدىكى يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىپ، بالىلاردا نېرۋا سىستېمىسىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ، ئەقلىي قابىلىيەتنىڭ تۆۋەن بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدىكى مۇھىم بىر سەۋەب، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئانا تېنىدە ئوزۇقلۇقنىڭ تولۇق بولماسلىقى بولۇپ، بۇ بالىلاردا ئوزۇقلۇقنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ - دە، نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئاقىۋەتتە تۇغۇلغان بالىلار ھەم ھاڭۋاقتى ھەم گالۋاڭ بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، بالىلار تۇغۇلۇش جەريانىدا باش سۆڭىكىدىن قان چىقىپ كەتسە، ئېغىر دەرىجىدە تۇنجۇقۇپ قېلىش قاتارلىقلار بولسا بالىلارنىڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشىگە تولدۇرۇۋالغۇسىز زىيانلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. شۇڭا، سۈپەتلىك تۇغۇت بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلغاندا، تۇغۇت مەزگىلىدىكى ساقلىقىنى ساقلاش ئىشلىرىنى قوشۇپ تەشۋىق قىلىش بولسا ئەقلىي قابىلىيىتى ناچار بالىلارنى تۇغۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇھىم تەدبىرنىڭ بىرى.
← بارلىق تېمىلار نەمە