قايسى ھايۋان ئەڭ ھۇرۇن؟
نېمە ئۈچۈن
لېنىۋېتس ئەڭ ھورۇن ھايۋاندۇر. ئۇ جەنۇبىي ئافرىقا قىتئەسىدىكى ئىسسىق بەلۋاغ يامغۇرلۇق ئورمانلىقىدا ياشايدۇ، بەدىنىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى مۇشۈكنىڭكىچىلىك كېلىدۇ، يۈزى مايمۇننىڭكىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ھەرىكىتى ئىنتايىن ئاستا، ھەر بىر مىنۇتتا ئاران ئون مېتىرچە ئارىلىققا يۆتكىلىدۇ.
لېنىۋېتس يىل بويى دەرەختە يۇمران دەرەخ يوپۇرماقلىرىنى يەپ جان كەچۈرىدۇ. ئۇنىڭ ئىلمەككە ئوخشىشىدىغان تىرنىقى بار. شۇڭا ئۇ دەرەخكە ئېسىلىپ ئۇزاققىچە تۇرالايدۇ. لېنىۋېتس دەرەخكە ئېسىلىپ ھەرىكەت قىلىشقا ئادەتلەنگەن، دەرەخكە ئېسىلىپ تۇرۇپ دەم ئالىدۇ، ئېسىلىپ تۇرۇپ ئۇخلايدۇ، ھەتتا ئۆلۈپ قالغاندىن كېيىنمۇ دەرەخكە ئېسىقلىق پېتى تۇرىدۇ. ئۇ دائىم ھەرىكەت قىلمىغاچقا، بەدىنىنىڭ سىرتىغا يۈسۈنلەر ئۆسۈپ كەتكەن بولىدۇ، قارىماققا ئۇچىسىغا يېشىل كىيىم كىيىۋالغاندەك كۆرۈنگەچكە، دەرەخ يوپۇرماقلىرىنىڭ ئارىسىدىن ئاسان بايقىغىلى بولمايدۇ.
لېنتىۋېتس بىر ئۇخلىسا ئون نەچچە سائەت ئۇخلايدۇ، ھەرىكىتىمۇ ئىنتايىن ئاستا. بۇنداق ھۇرۇنلۇق ئۇنىڭغا پايدىلىقمۇ ياكى زىيانلىقمۇ؟ ئالىملارنىڭ قارىشىچە، لېنىۋېتسنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەش ئىقتىدارىمۇ ئاجىز ئىكەن. شۇڭا جىددىي ھەرىكەت قىلسا، بەدەن تېمپېراتۇرىسى ناھايىتى تېز ئۆرلەپ كېتىپ ھاياتىغا خەۋپ يېتىش ئېھتىمالى بار ئىكەن.
لېنىۋېتستىن قالسا، خامېلېئونمو ئۆتۈپ كەتكەن ھۇرۇن ھايۋان. بەزىدە ئۇ بۈگۈنى بىر قەدەم ماڭغان بولسا، ئىككىنچى قەدىمىنى ئەتىسى ماڭىدۇ، ھەتتا بىر نەچچە ھەپتىگىچە قىمىرلىمايدۇ. شۇڭا كىشىلەر ئۇنى <دۇنيادىكى جىم تۇرۇش چېمپىيونى> دەپ ئاتىشىدۇ.