نېمە ئۈچۈن كىچىك بوۋاقلار تۇخۇم ئېقى يېسە بولمايدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
بۇنىڭ سەۋەبى كىچىك (ئالتە ئايلىق ئىچىدىكى) بوۋاقلارنىڭ ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ يېتىلىشى مۇكەممەل ئەمەس، ئۈچەي دىۋارىنىڭ ئۆتكۈزۈشچانلىقى يۇقىرى، ئەمما تۇخۇم ئاقسىلىنىڭ مولېكۇلاسى كىچىكرەك، بەزىدە بۇ كىچىك مولېكۇلىلىق ئاقسىللار ئۈچەي دىۋارى ئارقىلىق بىۋاسىتە قانغا ئۆتۈپ، بوۋاقلار ئورگانىزمىدا غەيرىي خاراكتېرلىك ئاقسىل مولېكۇلىسىغا نىسبەتەن زىيادە سېزىم رېئاكسىيىسى شەكىللىنىپ، ھۆل تەمرەتكە، يەلتاشما ياكى باشقا تېرە كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇ سەۋەبتىن بوۋاقلارغا تۇخۇم ئېقى بېرىشكە بولمايدۇ، پەقەت تۇخۇم سېرىقىنىلا يېگۈزۈش كېرەك. بوۋاق ئون ئايلىق بولغاندا ئاندىن پۈتۈن تۇخۇمنى يېسە بولىدۇ.