UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن يەر شارى ھاللېي قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزىنىڭ قۇيرۇقىدىن ئۆتكەندە ئازراقمۇ تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ؟

نېمە ئۈچۈن يەر شارى ھاللېي قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزىنىڭ قۇيرۇقىدىن ئۆتكەندە ئازراقمۇ تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ؟

نېمە ئۈچۈن 1910 - يىلى دۇنيادىكى ھەر قايسى چوڭ گېزىتلەرنىڭ ھەممىسى كىشىنى ساراسىمىگە سالىدىغان مۇنداق بىر خەۋەرنى باستى: ھاللېي قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزى 5 - ئاينىڭ 19 - كۈنى يەر شارىغا يېقىن كېلىدۇ، قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزنىڭ قۇيرۇقى يەر شارىغا تېگىپ ئۆتىدۇ. قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزنىڭ 100 مىليون كىلومېتىردىن ئۇزۇن قۇيرۇقى يەر شارىغا تەگسە، يەر شارىنى <چۇل - چۇل> قىلىۋەتمەمدۇ؟ ئەينى چاغدا نۇرغۇن كىشىلەر قاتتىق قورقۇنچقا چۈشكەن. بەزىلەر چوڭقۇر لەخمىلەرنى كولاپ، بالا - قازا يېتىپ كەلگەندە، ئۇنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇنۇۋالماقچى بولغان؛ يەنە بەزىلەر بولۇشىچە يەپ - ئىچىپ، بىراقلا <ئاخىر زامان> يېتىپ كېلىشىنى كۈتۈۋالماقچى بولغان. 5 - ئاينىڭ 19 - كۈنى ئاخىرى يېتىپ كەلگەن، يەر شارى قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز قۇيرۇقى ئىچىدە توپتۇغرا ئىككى كۈن ماڭغان، بۇنى بارلىق كىشىلەر ئازراقمۇ سەزمىگەن. يەر شارى ھاللېي قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزىنىڭ غايەت چوڭ قۇيرۇقىدىن مانا مۇشۇنداق ساق - سالامەت كېسىپ ئۆتكەن، بارلىق كىشىلەر بولسا ئورۇنسىز ساراسىمىگە چۈشكەن. ئەمەلىيەتتە، قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز قوياشقا يېقىنلاشقان چاغدىلا ئاندىن قۇياشنىڭ قارشى تەرىپىدە ئۇنىڭ بىر ئۇزۇن قۇيرۇقى ھاسىل بولىدۇ. قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزنىڭ قۇيرۇقى بولسا قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز يادروسىدىن پارغا ئايلىنىپ چىققان گازلاردىن تەشكىل تاپىدۇ. گەرچە ئۇنىڭ ھەجىمى چوڭ بولسىمۇ، ئەمما زىچلىقى ئاجايىپ شالاڭ بولۇپ، پەقەت ھاۋانىڭ زىچلىقىنىڭ بىر قانچە يۈز مىليوندىن بىرىچىلىك كېلىدۇ. بىز ئادەتتە ئېيتىدىغان <ۋاكۇئۇم> دىنمۇ ئۆتە <ۋاكۇئۇم> (ھاۋاسىز بوشلۇق) دۇر شۇڭا يەر شارى قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزنىڭ قۇيرۇقىدىن ئۆتكەندە، كىشىلەردە باشقىچە غەيريي سېزىم بولمايدۇ، يەر شارى ماگنىت مەيدانىدا ماگنىت پارتلىشى يۈز بەرگەندىن باشقا، يەر شارى ھېچقانداق تەسىرگە ئۇچرىماي، ئۆز ھالىتىچە تۇرۇۋېرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
نېمە ئۈچۈن يەر شارى ھاللېي قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزىنىڭ قۇيرۇقىدىن ئۆتكەندە ئازراقمۇ تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki