توغرا يېتەكلەيدىغان بومبا بىلەن باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنىڭ قانداق پەرقى بار؟
نېمە ئۈچۈن
ناۋادا دۇنيا ئۇرۇشىغا ئائىت كىنو ياكى تېلېۋىزىيە فىلىملىرىنى كۆرگەن بولسىڭىز، بەلكىم ھاۋادىن بومبا تاشلاپ كەڭ كۆلەمدە بومباردىمان قىلىش كۆرۈنۈشلىرى ئېسىڭزدە باردۇر. <ئالا قويماي بومباردىمان قىلىش> دەپ ئاتىلىدىغان بۇ خىل بومباردىمان شەكلى قالتىس دەھشەتلىكتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما بومباردىمان قىلىش ئۈنۈمى كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس، چۈنكى كۆپ مىقداردىكى بومبىلار قارىغۇلارچە ئىسراپ بولۇپ كېتىدۇ. قانداق قىلغاندا بومبىنى نىشانغا تېخىمۇ توغرا، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تەگكۈزگىلى بولىدۇ؟
ⅩⅩ ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرىدىن كېيىن، توغرا يېتەكلىنىدىغان بىر خىل بومبا مەيدانغا كەلدى. ئۇنىڭ سىرتقى شەكلى ئادەتتىكى بومبىلاردىن كۆپ پەرقلەنسىمۇ، بىراق ئۇنىڭغا بىر يۈرۈش ئاپتۇماتىك <نىشان ئىزدەش> قۇرۇلمىسى ئورنىتىلغان بولۇپ، نىشاننى توغرا تاپالايدۇ. توغرا يېتەكلىنىدىغان بومبىنى يېتەكلەشنىڭ لازېر نۇرى بىلەن يېتەكلىنىدىغان بومبىنى مىسال ئالساق، ئۇنى ئايروپىلاندىن تاشلىغاندا، ئايروپىلان لازېر نۇرى بىلەن نىشاننى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، بومبىدىكى <نىشان ئىزدەش> قۇرۇلمىسى قايتقان لازېر نۇرىغا ئاساسەن تاكى نىشانغا تەگكەنگە قەدەر ئەگىشىپ بارىدۇ. ئوخشاشلا ئىنفرا قىزىل نۇر ياكى تېلېۋىزىيە سىگنالى ئارقىلىقمۇ بومبىغا نىشاننى كۆرسىتىپ بەرگىلى بولىدۇ. شۇڭا، توغرا يېتەكلىنىدىغان بومبا <ئەپچىل بومبا> دەپ ئاتالغان، ئۇنىڭ نىشانغا تېگىش نىسبىتى ئادەتتىكى بومبىلاردىن كۆپ يۇقىرى بولۇپ، قورال خىراجىتىنى زور دەرىجىدە تېجەپ قالغىلى بولىدۇ.
توغرا يېتەكلىنىدىغان بومبىنىڭ ھۇجۇم شەكلىدىن قارىغاندا، باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدكە ناھايىتى ئوخشىشىدۇ، بىراق، باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنى ھاۋا، قۇرۇقلۇق، پاراخوت ۋە سۇ ئاستى قاتارلىق كۆپ خىل سۇپىدىن قويۇپ بېرىشكە بولىدۇ، ئۇنىڭ ماتورى بولۇپ، يىراققا ئۇچۇپ بارالايدۇ. توغرا يېتەكلىنىدىغان بومبىنى نۆۋەتتە پەقەت ھاۋادىنلا تاشلاشقا بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە نىشانغا مۇئەييەن دائىرىدە يېقىنلاشقاندىلا بومبىنى ئۈنۈملۈك تاشلىغىلى بولىدۇ. باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد بىلەن توغرا يېتەكلىنىدىغان بومبىنىڭ ئاساسلىق پەرقى مانا شۇ.