UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالىنىڭ قىزىقىشىنى قانداق قوزغاش كېرەك؟

بالىنىڭ قىزىقىشىنى قانداق قوزغاش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن تۆت ياش ئەتراپىدىكى بالىلار ئۆز - ئۆزىگە بولغان تونۇشنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، سىرتقا دۇنيادىكى شەيئىلەرگە بولغان كۈچلۈك قىزىقىشىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئاتا - ئانىلار بالىنىڭ قىزىقىشىنى مۇۋاپىق ھالدا قوزغاپ بەرسە، بالىنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى قوغداپ قالغىلى، بالىنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ. قىزىقىش، سوراش، ئويلىنىش، ئىزدىنىش جەريانىدا بالىنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتى تەرەققىياتقا ئېرىشەلەيدۇ. شۇڭا ئاتا - ئانىلار بالىلارنىڭ قىزىقىشىنى قوغدىشى ۋە قوزغىشى، بالىنىڭ قىزىقىش بىلەن سورىغان سوئالى ۋە مۇلاھىزىسىگە ئەستايىدىللىق بىلەن جاۋب بېرىشى ۋە يېتەكلىشى كېرەك. ئاتا - ئانىسىنىڭ ھەقىقىي دىققەت - ئېتىبارى ۋە ئىلھامى ئاستىدا بالىنىڭ قىزىقىشىنى تولۇق قوزغاپ، بالىدىكى يوشۇرۇن ئەقلىي قابىلىيىتىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈرگىلى بولىدۇ. مەسىلەن: ئاتا - ئانا دائىم بالىدىن، <نېمە ئىش قىلىۋاتىسىز؟ ئاپىڭىزغا ئېيتىپ بېرەلەمسىز؟> دەپ سورىشى ياكى بالىنىڭ قىزىقىشىغا قارىتا مۇئەييەنلەشتۈرۈپ ۋە ئىلھاملاندۇرۇپ <قوزام ناھايىتى ئەقىللىق، مەن نېمىشقا ئويلىمىغاندىمەن، بىز بىرلىكتە جاۋابىنى تاپايلى> دېسە بولىدۇ. بالىنىڭ قىزىقىشى ئەمەلىي پائالىيەت جەريانىدا سىرتقى دۇنيا مۇھىتى بىلەن ئۇچرىشىش جەريانىدا شەكىللىنىدۇ. ھەرگىزمۇ قۇرۇق خىياللاردىن كېلىپ چىقمايدۇ. شۇڭا، ئاتا - ئانىلار بالىلارنى كۆپرەك تەبىئەت قوينىغا ئاپىرىشى كېرەك. بالىدا كۆزىتىش، ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق تەبىئىيلا قىزىقىش پەيدا بولىدۇ. مەسىلەن: بالا ئوتلاقلىقتا ئويناۋاتقاندا، كېپىنەككە قىزىقىپ قالىدۇ - دە، ئاندىن <كېپىنەكنىڭ ئاپىسى نەگە كەتتى؟> دەپ سورايدۇ. ئائىلە باشلىقىنىڭ توغرا يېتەكلىشىدە، بۇ مەسىلە توغرىسىدا بالا ئاستا - ئاستا ئىزدىنىپ، بارلىق كېپىنەكنىڭ تۇرمۇشىنى چۈشىنەلىشى ۋە جانلىقلارغا نىسبەتەن كۈچلۈك قىزىقىش پەيدا بولۇشى مۇمكىن. ئاتا - ئانىسىنىڭ يۇمۇرىستىك تۇيغۇسى بالىدا خۇشال - خۇرام كەيپىيات شەكىللەندۈرۈپ، شەيئىلەر ياكى مەسىلىلەرگە قىزىقىش ۋە ئىزدىنىش ئارزۇسىنى پەيدا قىلىدۇ. بۇلار ئەقلىي قابىلىيەت پائالىيىتى ئارقىلىق ھەل بولىدۇ. خاراكتېر، مىجەز جەھەتتىكى پەرق تۈپەيلىدىن، ھەربىر بالىنىڭ ھەۋەس ۋە قىزىقىش ئىپادىسى ئوخشاش بولمايدۇ. شۇڭا ئاتا - ئانىلار ھەربىر بالىنىڭ ئوخشاش بولمىغان قىزىقىشىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك. بەزى بالىلار كۆپ سوراشقا ئامراق بولماسلىقى مۇمكىن، ئەكسىچە بەزىلەرنىڭ مۇستەقىل پىكىر قىلىش ئىقتىدارى يۇقىرى بىراق باشقىلاردىن سوراشقا ماھىر بولماسلىقى مۇمكىن. مەقسەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، بالىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاش. قىزىقىشى يۇقىرى بولغان بالىلاردا پائالىيەت ۋە يېڭى نەرسىلەر ناھايىتى چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ. شۇڭا ئاتا - ئانىلار بىر قىسىم مەنزىرىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، مەلۇم بىر خىل ئالاھىدىلىكنى ماختاپ بالىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىشى. مەسىلەن: ئاتا - ئانىلار بالىلىرىغا ھېكايە سۆزلەپ بەرگەندە، ئويلاندۇرۇش ئارقىلىق بالىنىڭ قىزىقىشى ۋە بىلىمگە بولغان ئىنتىلىشىنى قوزغىشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاتا - ئانىلار يەنە بالىنىڭ شەيئىلەرگە بولغان قىزىقىشىغا دىققەت قىلىپ، شەيئىلەرگە بولغان چوڭقۇر ئىزدىنىش ئىچىگە ئېلىپ كىرىش؛ بالىنىڭ قىزىقىشى ھەمىشە شەيئىلەرنىڭ تاشقى قىياپەتلىرىدە توختاپ قالىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئائىلە باشلىقى بالىلىرىنى چوڭقۇر ئىزدىنىشكە يېتەكلەپ بېرىش؛ مەسىلەن: بالا كىچىك ئايروپىلانغا قىزىقىپ قالغان بولسا، ئائىلە باشلىقلىرى بۇ نۇقتىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئاۋىئاتسىيە توغرىسىدىكى ھېكايىنى سۆزلەپ بەرسە ھەم مۇناسىۋەتلىك پەن - تېخنىكا جەھەتتىكى بىلىملەرنى كېڭەيتىپ، بالىنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ ئەتراپلىق ئىزدىنىشىنى قوزغىغىلى بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە