UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبوۋاق بالىلاردا ئوزۇقلىنىشى ناچارلىقنىڭ دەرىـجىسىگە قانداق ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ؟

بوۋاق بالىلاردا ئوزۇقلىنىشى ناچارلىقنىڭ دەرىـجىسىگە قانداق ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئادەتتە ئوزۇقلىنىشى ناچارلىق ئېغىر - يېنىكلىك دەرىجىسىگە ئاساسەن يېنىك دەرىجىدىكى ئوزۇقلىنىشى ناچارلىق، ئوتتۇرا دەرىجىدىكى ئوزۇقلىنىشى ناچارلىق، ئېغىر دەرىجىدىكى ئوزۇقلىنىشى ناچارلىق دەپ بۆلۈنىدۇ. ئەمەلىيەتتە جىددىي، ئاستا خاراكتېرلىك ئوزۇقلىنىشى ناچارلىققا ھۆكۈم قىلىشنىڭ ئاساسلىق كۆرسەتكۈچى تۆۋەندىكىچە: 1. بەدەن ئېغىرلىقى. ئەگەر بالىلارنىڭ ئېغىرلىقى ئوخشاش ياشتىكىلەرنىڭ پايدىلىنىش قىممىتى (ئوتتۇرىچە قىممىتىنى يېقىنلاشتۇرۇپ ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ) دىن 25%~15% تۆۋەن بولسا يېنىك دەرىجىدىكى ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، ئېغىرلىقى بۇ قىممەتتىن 40%~26% تۆۋەن بولسا ئوتتۇرا دەرىجىدىكى ئوزۇقلۇق ناچارلىققا؛ ئېغىرلىقى بۇ قىممەتتىن 40% پىرسەنتتىن كۆپ تۆۋەن بولسا ئېغىر دەرىجىدىكى ئوزۇقلۇق ناچارلىققا تەۋە بولىدۇ. 2. قورساق قىسمىدىكى ماينىڭ قېلىنلىقى. قورساق قىسمىدىكى ماينىڭ قېلىنلىقى 0.8~0.4 سانتىمېتىر ئارىلىقىدا بولسا يېنىك دەرىجىدىكى ئوزۇقلۇق ناچارلىققا؛ 4.0 سانىتمېتىردىن تۆۋەن بولسا ئوتتۇرا دەرىجىدىكى ئوزۇقلۇق ناچارلىققا؛ ماي پۈتۈنلەي دېگۈدەك تۈگەپ كەتكەن بولسا ئېغىر دەرىجىدىكى ئوزۇقلۇق ناچارلىققا تەۋە بولىدۇ. 3. ئېگىزلىكى. يېنىك دەرىجىدىكى ئوزۇقلىنىشى ناچار بالىلارنىڭ ئېگىزلىكى ئاساسەن نورمال؛ ئوتتۇرا دەرىجىدىكى ئوزۇقلىنىشى ناچار بالىلارنىڭ ئېگىزلىكى نورمال قىممەت بىلەن سېلىشتۇرغاندا تۆۋەن بولىدۇ؛ ئېغىر دەرىجىدىكى ئوزۇقلىنىشى ناچار بالىلارنىڭ ئېگىزلىكى بولسا نورمال قىممەتتىن كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تۆۋەن بولىدۇ. 3. كېسەللىك ئامىلى. يەنى تۇغما قېلىنلاش خاراكتېرلىك ئاشقازان چىقىش ئېغىزى تارىيىش، بوۋاق بالىلاردىكى ئىچى سۈرۈش، ئاشقازاننىڭ سۈمۈرۈشى ياخشى بولماسلىق يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى، تۇبېركۇليوز، پارازىت قۇرت كېسىلى، ئۇزۇن مەزگىل قىزىش ياكى يامان سۈپەتلىك ئۆسمە قاتارلىقلار.
← بارلىق تېمىلار نەمە