ئاغچىيۇغۇچنىڭ ھامىلىدار ئاياللارغا نىسبەتەن قانداق دورىلىق قىممىتى بار؟
نېمە ئۈچۈن
ئاغچىيۇغۇچنىڭ تەركىبىدە ساپونىن، ماي، ئاقسىل قاتارلىقلار بولۇپ، ئاغچىيۇغۇچنىڭ پىلىكىدە يەنە ئۆسۈملۈك شىلىمشىق سۇيۇقلۇقى، شېكەر سۇيۇقلۇقى، ۋىتامىن B، ۋىتامىن C قاتارلىقلار بار. ئاغچىيۇغۇچنىڭ سۈيىدە سېلىترا بولۇپ، يۇمران ئاغچىيۇغۇچدا سەي قورۇغىلى، بەك پىشىپ كەتكەن ئاغچىيۇغۇچنى دورا قىلغىلى بولىدۇ. ئاغچىيۇغۇچنىڭ ھەممە نەرسىسىدە دورا ياسىغىلى بولىدۇ، بۇ ئارقىلىق خەپرۈكنى يوقىتىش، قاننى سوۋۇتۇپ زەھەرنى قايتۇرۇش، جىڭلو راۋان قىلىش، قاننى راۋان قىلىش، سۈت يىغىش قاتارلىق مەقسەتكە يەتكىلى بولىدۇ. <لوشى دورا تېبابەت> تەزكىرىسىدە، <ئاغچىيۇغۇچ قاننى سوۋۇتۇپ، زەھەرنى قايتۇرىدۇ. خەپرۈكنى يوق قىلىدۇ> دەپ خاتىرىلەنگەن. ئاغچىيۇغۇچ يىپىدىن 15 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ بىر كۈندە ئىككى ۋاق ئىچسە، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ياندۇرۇشنى داۋالىغىلى بولىدۇ. ئاغچىيۇغۇچ يىپى پارچىلانغاندىن كېيىن، قىزغۇچ سېرىق ئىنچىكە تالا ھالەتكە كېلىپ قالىدۇ. ئىككى قېتىم سېرىق ھاراق بىلەن ئازراق تەڭشەپ ئىچكەندە، بەل ئاغرىقىنى داۋالىغىلى بولىدۇ. ئاغچىيۇغۇچ پىلىكىدىن 60 گرام ئېلىپ، قۇرۇتۇپ پارچىلىغاندىن كېيىن ئازراق قورۇپ، تالقان قىلىپ، ھەركۈنى 5.1 گرام، كۈنىگە ئۈچ قېتىم ئىستېمال قىلسا تەرىتىدىن قان كېلىشنى داۋالىغىلى بولىدۇ. يېڭى ئاغچىيۇغۇچ يوپۇرمىقى ياكى يۇمران ئاغچىيۇغۇچنى سوقۇپ، ھەر كۈنى ئىككى ۋاخ ئىستېمال قىلسا غەلۋىرەك كېسىلىنى، ئىششىپ زەھەرلىنىشنى داۋالىغىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئاغچىيۇغۇچنى كۆپ ئىستېمال قىلسا، تۇغۇتتىن كېيىن قان كۆپ كېلىش ياكى سۈت تولۇق كەلمەسلىك، قەۋزىيەت بولۇپ قېلىش، چوڭ - كىچىك تەرەتتىن قان كېلىش، چىيقان، ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش قاتارلىقلارغا شىپا بولىدۇ. ئۇ ناھايىتى ياخشى بولغان داۋالاش رولىغا ئىگە.