UyghurWiki
UyghurWikiنەمەقۇم - توزان بورىنىدىكى قۇم - توزاننىڭ ئېغىرلىقى قانداق ھېسابلاپ چىقىلىدۇ؟

قۇم - توزان بورىنىدىكى قۇم - توزاننىڭ ئېغىرلىقى قانداق ھېسابلاپ چىقىلىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ شىمالىي رايونلىرى ئارقا - ئارقىدىن قۇم - توزان بورىنىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى، قۇم - توزان بورىنى شەھەر مۇھىتى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا ناھايىتى زور زىيان سالدى. 2002 - يىل 3 - ئاينىڭ 20 - كۈنى شىمالدىن كەلگەن كۈچلۈك قۇم - توزان بورنى بېيجىڭغا 30 مىڭ توننا قۇم - شېغىل <ئەكەلدى> بۇ قۇم - شېغىل ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر بىر بېيجىڭلىققا ئۈچ كىلوگرامدىن توغرا كېلىدۇ. بۇ سان قانداق ھېسابلاپ چىقىرىلغان؟ ئەسلىدە، دۆلىتىمىز پۈتۈن بىر يۈرۈش قۇم - توزان بورىنىنى ئۆلچەش سىستېمىسى ئورنىتىلغان، ئۇ ئىلغار تېلېتېخنىكىغا تايىنىپ قۇم - توزان بورنىنىڭ مەنبەسى، دائىرىسى ۋە قۇم - توزاننىڭ تارقىلىش مىقدارى ئۈستىدە ئىلمىي تەھلىل ئېلىپ بېرىپ يەكۈن چىقىرالايدۇ. مەسىلەن، ئالىملار يەر شارى بىلەن تەڭ قەدەمدە ماڭىدىغان مېتېئورلوگىيە سۈنئىي ھەمراھى تەمىنلىگەن ماتېرىياللارغا ئاساسەن، يەر شارى يۈزىدىكى مېتېئورولوگىيە ئۆزگىرىشىنى كۆزىتەلەيدۇ، يەنە مېتېئورولوگىيىلىك ئۆزگىرىش يۆنىلىشىگە ئاساسەن، قۇم - توزان بورنىنىڭ پەيدا بولۇش ۋاقتى ۋە تەسىر كۆرسىتىش دائىرىسىنى ھۆكۈم قىلالايدۇ، يەنە مەسىلەن، ئالىملار ئىلغار لازېرلىق رادارنى ئىشلىتىپ، يەر يۈزىگە ئون كىلومېتر كېلىدىغان ئېگىزلىك دائىرىسىدىكى قۇم - توزان دانىچىلىرىنىڭ قويۇقلۇق، قېلىنلىق دەرىجىسىنى ئۆلچەپ چىقالايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرلىك ھەجىم ئىچىدىكى قۇم - توزان ئېغىرلىقىنى ھېسابلاپ چىققىلى بولىدۇ، ئاندىن بىر رايون ياكى شەھەر كۆلىمىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىنى نەزەرەگە ئېلىپ، بىر قېتىملىق قۇم - توزان بورنى ئەكېلىپ قۇم - توزان ئېغىرلىقىنى ھېسابلاپ چىققىلى بولىدۇ. ئەلۋەتتە بۇنداق ھېسابلاش ئۇسۇلىنىڭ قىلچە خاتاسىز بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ. قۇم - توزان بورىنى ئەكېلىدىغان زىيان ئىنتايىن ئېغىر بولىدۇ، ھازىر كىشىلەر ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى تىرىشىپ ياخشىلىماقتا، مەسىلەن، تېرىلغۇ يەر ئورنىدا ئىشلىتىۋاتقان يەرگە ئورمان بەرپا قىلىش، يېپىنچا ئۆسۈملۈك تېرىش قاتارلىقلار. ئىشىنىمىزكى، يېقىن كەلگۈسىدە قۇم - توزان بورنىنىڭ زىيىنىىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىيەلەيمىز.
← بارلىق تېمىلار نەمە