نېمە ئۈچۈن بىمار كۆلەڭگىسىز لامپا ئاستىدا ئوپېراتسىيە قىلىنىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
كۆلەڭگىسىز لامپا كەشىپ قىلىنىشتىن بۇرۇن تاشقى كېسەللەر دوختۇرى ئوپېراتسىيە قىلغاندا، دائىم دېگۈدەك كۆلەڭگىنىڭ كاشىلىسىغا ئۇچرايتتى. چىراغ نۇرى دوختۇرنىڭ قولىغا چۈشكەندە، يارا ئېغىزىغا چۈشكەن كۆلەڭگىنىڭ تەسىرىدە دوختۇر قان تومۇرى ۋە نېرۋىنىڭ ئورنىنى ئېنىق كۆرەلمەيدۇ، سەللا ئېھتىياتسىزلىق قىلسا ئوپېراتسىيىدە ۋەقە چىقىدۇ.
كۆلەڭگىسىز لامپا نۇر بىلەن كۆلەڭگىنىڭ مۇناسىۋىتىدىن پايدىلىنىپ كەشىپ قىلىنغان. نۇر تۈز سىزىق بويلاپ تارقىلىدۇ، نۇر خۇنۇك جىسىمغا چۈشكەندە جىسىمنىڭ ئارقىسىدا كۆلەڭگە شەكىللىنىدۇ. سەللا دىققەت قىلساق، نۇر چۈشكەندە كۆلەڭگىسىنىڭ ئوتتۇرى ئىنتايىن قارڭغۇ، ئەتراپىنىڭ سەل خىرە بولىدىغانلىقىنى بايقايمىز. ئوتتۇرىسىدىكى ئىنتايىن قاراڭغۇقىسمى ئەسلىي كۆلەڭگە، ئەتراپتىكى خىرە قىسمى يېرىم كۆلەڭگە دېيىلىدۇ. لامپا بىر تال ئەگرى لامپا قىلى ئارقىلىق نۇر چاچىدۇ، نۇر چېچىش نۇقتىسى بىرلا بولمايدۇ، مەلۇم نۇقتىدىن چېچىلغان نۇرنى جىسىم توسۇۋالىدۇ. ئەمما، باشقا نۇقتىلاردىن چېچىلغان نۇرنى توسۇۋېلىشى ناتايىن. بارلىق نۇر پېتىپ بارالمايدىغان جايدا ئەسلىي كۆلەڭگە شەكىللىنىدۇ، بىر قىسم نۇر يېتىپ بارالايدىغان جايدا شەكىللەنگىنى يېرىم كۆلەڭگە بولىدۇ. ئەگەر نۇر چېچىش كۆلىمى قانچە چوڭ بولسا جىسىمنىڭ ئەسلىي كۆلەڭگىسى شۇنچە كىچىك بولىدۇ. نۇر مەنبەسى يېتەرلىك چوڭ بولغاندا ئەسلىي كۆلەڭگە يوقىلىدۇ، يېرىم كۆلەڭگىمۇ كۆرۈنمەيدۇ. ئوپېراتسىيەخانىدىكى كۆلەڭگىسىز لامپا مۇشۇ قانۇنىيەتكە ئاساسەن ياسالغان. كۆلەڭگىسىز لامپا - بىر قانچە نۇرى ناھايىتى كۈچلۈك لامپىدىن ھاسىل بولغان بولۇپ، كەڭ دائىرىلىك نۇر مەنبەسى شەكىللەندۈرىدۇ. ئۇ ئوخشاش بولمىغان نۇقتىدىن نۇرنى ئوپېراتسىيە كارۋىتىغا چۈشۈرۈپ، ئوپېراتسىيىگە يېتەرلىك يورۇقلۇققا كاپالەتلىك قىلىدۇ.