UyghurWiki
UyghurWikiنەمەتېلېۋىزىيە نومۇرلىرىنى ئۇلاپ تارقاتقاندا قايسى خىل ئۇسۇلنى قوللانغاندا، ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ؟

تېلېۋىزىيە نومۇرلىرىنى ئۇلاپ تارقاتقاندا قايسى خىل ئۇسۇلنى قوللانغاندا، ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن تېلېۋىزىيە ئىستانىسى تارقاتقان ئېلېكتر دولقۇنىنىڭ تارقىلىش ئارىلىقى چەكلىك بولىدۇ، ئادەتتە ئاران نەچچە ئون مىڭ مېتىر ئارىلىققا يېتىپ بارالايدۇ. تېلېۋىزىيە سىگنالىنى تېخىمۇ يىراققا تارقىتىش ئۈچۈن تارقىتىش مۇنارىنى ئېگىزلىتىپ، تارقىلىش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. ئەمما بۇنداق قىلغاندىمۇ نەچچە يۈز مىڭ مېتىر ئارىلىققىلا تارقاتقىلى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مىكرو دولقۇنلۇق كۈچ ئۇلاپ ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى قوللىنىلغان. مىكرو دولقۇننى نۇر دولقۇنىغا ئوخشاش مەركەزلەشتۈرۈپ بىر يۆنىلىشكە تارقاتقىلى بولىدۇ. تېلېۋزىيە سىگنالىنى مىكرو دولقۇنىغا قوشۇپ تارقىتىشتا، ھەر 40 - 50 مىڭ مېتىر ئارىلىققا بىردىن مىكرو دولقۇنلۇق كۈچ ئۇلاش پونكىتى قۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. بۇنداق بولغاندا تېلېۋىزىيە سىگنالى پونكىتتىن پونكىتقا ئۆتۈپ ناھايىتى يىراق جايلارغىچە تارقىلالايدۇ، ئاندىن شۇ جايدىكى تېلېۋىزىيە ئىستانىسى ئارقىلىق ئۇلاپ تارقىتىلىدۇ. بۇنداق بولغاندا، تېلېۋىزىيە سىگنالىنى يەنە نەچچە مىڭ مېتىر يىراققىچە تارقاتقىلى بولىدۇ. ئالاقىلىشىش سۈنئىي ھەمراھىنىڭ ئارتۇقچىلىقى شۇكى، تېلېۋىزىيە نومۇرلىرىنى تېخىمۇ يىراقلارغا تارقىتالايدۇ، سۈپىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. نۆۋەتتە، تېلېۋىزىيە نومۇرلىنى ئۇلاپ تارقىتىشتا ماس قەدەملىك ھەمراھنىڭ يەر شارىنى غەربتىن شەرققە بىر ئايلىنىشى ئۈچۈن بىر ھەپتە ۋاقىت كېتىدۇ. بۇ يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا بىر ھەپتە ئايلانغان ۋاقتىغا توغرا كېلىدۇ. سۈنئىي ھەمراھ يەر شارىغا نىسبەتەن ھەر ۋاقىت يەر شارىنىڭ مەلۇم بىر ئورنىدىكى بوشلۇقتا تۇرىدۇ. بۇ خىل سۈنئىي ھەمراھنىڭ يەر يۈزى بىلەن بولغان ئارىلىقى 36 مىڭ كىلومېتىر كېلىدۇ، بۇنىڭ يەر شارىغا تارقاتقان ئېلېكتر دولقۇنى يەر شارى سىرتقى يۈزىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسىمىنى قاپلىيالايدۇ. بۇنداق بولغاندا، تېلېۋىزىيە ئىستانىسى تېلېۋىزىيە سىگنالىنى يەر يۈزى پونكىتىغا تارقاتقاندىن كېيىن، يەر يۈزى پونكىتىدىن سۈنئىي ھەمراھقا يوللاپ، سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق يەنە ئۇلاپ تارقىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تېلېۋىزىيە نومۇرلىرىنى يەر شارىنىڭ ھەر قانداق جايىدا قوبۇل قىلغىلى بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە