UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن توخۇ تۇخۇمى بوۋاقلارنىڭ ياخش يېمەكلىكى؟

نېمە ئۈچۈن توخۇ تۇخۇمى بوۋاقلارنىڭ ياخش يېمەكلىكى؟

نېمە ئۈچۈن توخۇ تۇخۇمى بىر خىل ئوزۇقلۇقى ئىنتايىن مول، باھاسى نىسبەتەن تۆۋەنرەك بولغان دائىم ئىشلىتىلىدىغان يېمەكلىك. ئۇ ئۆسۈپ يېتىلىشتە زۆرۈر بولغان زور مىقداردىكى ئوزۇقلۇق ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. شۇ سەۋەبتىن ئۇ ئىنسانلارنىڭ بولۇپمۇ بوۋاق بالىلارنىڭ ئەڭ ياخشى ئوزۇقلۇق مەھسۇلاتى. ھەر 100 گرام (تەخمىنەن ئىككى دانە) توخۇ تۇخۇمى 14 گرام ئاقسىل، 6.11 گرام ياغ، 6.1 گرام شېكەرنى، يەنە بەلگىلىك مىقداردا تۆمۈر، كالتسىي، فوسفور قاتارلىق مىنېرال ماددىلارنى ۋە ۋىتامىنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تۇخۇمدىكى ئاقسىل تەركىبىدە بوۋاق بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە زۆرۈر بولغان سەككىز خىل زۆرۈر ئامىنو كىسلاتاسى بار بولۇپ، بىر خىل ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل. ئىككى دانە توخۇ تۇخۇمى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاقسىل تەخمىنەن ئۈچ سەر بېلىق گۆشى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاقسىل بىلەن باراۋەر ھەم توخۇ تۇخۇمىدىكى ئاقسىل كالا سۈتى، كالا گۆشى ۋە گۈرۈچلەرنىڭ تەركىبىدىكى ئاقسىلدىن تېخىمۇ ئاسان ھەزىم بولىدۇ. توخۇ تۇخۇمى تەركىبىدىكى ئاقسىلنىڭ كۆپىنچىسى تۇخۇم سېرىقىغا يىغىلغان ھەمدە تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى كۆپرەك، ياغ سۈتتەك ئېرىشچان ھالەتتە بولۇپ ئادەم بەدىنى ئاسان سۈمۈرەلەيدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت توخۇ تۇخۇمى تەركىبىدە يەنە مول بولغان ۋىتامىن ۋە مىكرو ئېلېمېنتلار بار. بولۇپمۇ تۆمۈر، فوسفور، ۋىتامىن A، D، E ۋە B گۇرۇپپىسىدىكى ۋىتامىنلارنىڭ مىقدارى مول. شۇڭا توخۇ تۇخۇمى بوۋاقلارنىڭ ياخشى يېمەكلىكى.
← بارلىق تېمىلار نەمە
نېمە ئۈچۈن توخۇ تۇخۇمى بوۋاقلارنىڭ ياخش يېمەكلىكى؟ | UyghurWiki | UyghurWiki