UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن ئاپتوموبىل چىرىقىنىڭ ئەينەك قاپقىقىدا تورسىمان سىزىقچىلار بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئاپتوموبىل چىرىقىنىڭ ئەينەك قاپقىقىدا تورسىمان سىزىقچىلار بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئاپتوموبىللار ئاخشىمى يول يۈرگەندە بىخەتەر بولۇش ئۈچۈن، چىرىقىنىڭ كۈچلۈك نۇرى بىلەن ئالدىدىكى يول ۋە ئەتراپىتىكى مۇھىتىنى يورۇتۇشقا توغرا كېلىدۇ. سىز قولچىراغنىڭ قۇرۇلمىسىنى چوقۇم بىلىسىز قولچىراغ كىچىك لامپىسىنىڭ كەينىگە بىر نۇر قايتۇرغۇچ پېتىنقى ئەينەك ئورنىتىلغان، ئالدىغا بىر تەكشى ئەينەك ئورنىتىلغان، شۇڭا قولچىراغدىن چىققان نۇرنىڭ دائىرىسى تار ھەم تۈز بولىدۇ. ئەمما بۇ خىل كىچىك دائىرىنى يورۇتقىلى بولىدىغان، چېگرىسى ئېنىق بولغان نۇر دەستىسى تېز سۈرئەتتە كېتىۋاتقان بىر ئاپتوموبىلنىڭ يورۇتۇشى ئۈچۈن ئىشلىتىلىشىگە پەقەت ماس كەلمەيدۇ. بۇ خىل نۇر دەستىسى بىلەن شوپۇر گەرچە ئالدىدىكى يولنى ئېنىق كۆرەلىسىمۇ، ئەمما ئاپتوموبىل ئەتراپىدىكى ئەھۋاللارنى ئېنىق كۆرەلمەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، كۈچلۈك نۇر دەستىسى يورۇغان جاينى يوپيورۇق قىلىۋېتىدۇ، قاراڭغۇ جاي يەنىلا قاپقاراڭغۇ تۇرىدۇ، يورۇقلۇق بىلەن قاراڭغۇلۇق كۈچلۈك سېلىشتۇرما پەيدا قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاپتوموبىل يول يۈرگەندە چىراغ نۇرى ئاپتوموبىل گەۋدىسىگە ئەگىشىپ تەۋرىنىدۇ، شۇڭا شوپۇرنىڭ كۆزى ناھايىتى ئوڭايلا چارچاپ كېتىدۇ. بۇ خىل چىراق نۇرى شوپۇرلارنىڭ ئاخشىمى يول يۈرۈش بىخەتەرلىكىگە ناھايىتى چوڭ قىيىنچىلىق تۇغدۇرىدۇ. ئاپتوموبىل ئالدى چىرىقى چىقارغان نۇرنىڭ ئالدىدىكى يول ۋە يول ياقىسىدىكى مەنزىرە، نەرسىلەرنى ھەمدە يول بەلگىلىرى بىلەن مۇساپىنى تەڭلا روشەن يورۇتۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن تېخنىك خادىملار ئاپتوموبىل ئالدى چىرىغىنىڭ قاپقىقىغا بىر خىل ئالاھىدە ماتېرىيال - نۇر تارقاتقۇچ ئەينەكنى ئىشلەتكەن. بۇ خىل نۇر تارقاتقۇچ ئەينەك، سۈزۈك ئەينەك بىلەن پرىزمىنىڭ بىرىكىشىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، نۇرنى سۇندۇرۇش ھەم چېچىش رولىغا ئىگە. شۇڭا سىرتىدىن قارىغاندا تورسىمان سىزىقچىلار كۆرۈنىدۇ. ئاپتوموبىل چىرىقىغا بۇ خىل ئەينەك ئورنىتىلغاندىن كېيىن، شوپۇرلار ئاخشىمى يول يۈرگەندە ناھايىتى بىخەتەر بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە