UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالىلارنىڭ <كېكەچلىشى> بىرخىل كېسەللىكمۇ؟

بالىلارنىڭ <كېكەچلىشى> بىرخىل كېسەللىكمۇ؟

نېمە ئۈچۈن بالىلارنىڭ تىل ئىقتىدارى تۇغۇلۇپ بەش - ئالتە ئايلىق بولغاندا يېتىلىشكە باشلايدۇ، ئەڭ دەسلەپتە <دادا، ئاپا> دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىدۇ. بىر ياشتىن بىر يېرىم ياشقىچە بولغاندا مەلۇم بىر مەقسەتتە سۆزلىيەلەيدىغان بولىدۇ، ئارقىدىنلا تىلى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشقا باشلايدۇ. ئىككى ياشتىن ئۈچ ياشقىچە بولغان ۋاقىت بالىلارنىڭ تىل ئۆگىنىشتىكى مۇھىم باسقۇچ، ئەگەر بالىلارنىڭ تىلى يېتىلىش جەھەتتە توسالغۇغا ئۇچرىسا، گەپ قىلغاندا گېپى ئۈزۈلۈپ قالىدىغان، تەكرارلايدىغان ياكى داۋاملاشتۇرۇلمايدىغان بولۇپ، <كېكەچلىك> ئالامىتى كۆرۈلىدۇ. بۇ بىر دائىم كۆرۈلىدىغان تىل توسالغۇسى بولۇپ، بالىلاردا بىر ئاز كۆپ كۆرۈلىدۇ. بالىلار ئىچىدە بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار 5% نى ئىگىلەيدۇ، كۆپىنچىسى ئىككى ياشتىن بەش ياشقىچە بولغان بالىلاردا كۆرۈلىدۇ. چۈنكى كېكەچلەش بىلەن ئادەم بەدىنىدىكى تىل مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسى مۇناسىۋەتلىك شۇنداقلا نېرۋا سىستېمىسى ئادەم بەدىنىدىكى ئەڭ مۇرەككەپ سىستېما. شۇڭا <كېكەچلەش> دۇنيادىكى <ئەڭ ئەجەبلىنەرلىك، ئەڭ مۇرەككەپ> كېسەللەرنىڭ بىر تۈرى. بىراق رايونىمىزدا، نۇرغۇنلىغان ئاتا - ئانىلار خاتا ھالدا كېكەچلىكنى كېسەللىك ئەمەس دەپ قاراپ، بالىنى ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىشنى خالىمايدۇ. شۇڭا بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغان بالىلار داۋالىنىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قېلىپ، مەڭگۈلۈك پۇشايمانغا قالماقتا. شۇڭا، بالىلارنىڭ كېكەچلىگىنىنى بالدۇر بايقاپ، بالدۇر داۋالىتىش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە
بالىلارنىڭ <كېكەچلىشى> بىرخىل كېسەللىكمۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki