UyghurWiki
UyghurWikiنەمەئىككى ياشتىن ئۈچ ياشقىچە بولغان بالىلار ھەر كۈنى قانچىلىك مىقداردا ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلسا بولىدۇ؟

ئىككى ياشتىن ئۈچ ياشقىچە بولغان بالىلار ھەر كۈنى قانچىلىك مىقداردا ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلسا بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن بۇ مەزگىلدىكى بالىلارنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارى ۋە مىقدارى بىر ئاز يۇقىرى ۋە كۆپ بولغاچقا، كېرەكلىك بولغان ئىسسىقلىقمۇ بۇرۇنقىدىن كۆپ بولىدۇ. ھەركۈنى تەخمىنەن 0012 ~ 1500 كىلوكالورىيە ئىسسىقلىققا ئېھتىياجلىق بولىدۇ، بالىلارنىڭ ھەركۈنى يېتەرلىك ئىسسىقلىقنى قوبۇل قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، كۈندىلىك يېمەك - ئىچمىكىنى ئىلمىي ھالدا ئورۇنلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. ھەركۈنى ئاساسلىق يېمەكلىكتىن 150 ~ 180 گرامغىچە، ئاقسىلدىن 40 ~ 50 گرامغىچە، مايدىن 30 ~ 50 گرامغىچە، كالا سۈتىدىن 400 مىللىلىتىر، يېڭى كۆكتاتتىن 200 ~ 250 گرامغىچە، مېۋىدىن 150 ~ 200 گرامغىچە قوبۇل قىلسا بولىدۇ، ئەگەر بالىلارنىڭ ھەرىكەت مىقدارى بىر ئاز كۆپ، بىراق ھەر قېتىملىق تامىقى يۇقىرىقى ئۆلچەمگە يەتمىسە، تاماقتا بىر ئاز پىرەنىك، تورت قاتارلىقلارنى قوشۇپ بەرسە بولىدۇ
← بارلىق تېمىلار نەمە