UyghurWiki
UyghurWikiنەمەكۈزلۈك ئىچى سۈرۈش دېگەن نېمە؟

كۈزلۈك ئىچى سۈرۈش دېگەن نېمە؟

نېمە ئۈچۈن كۈزلۈك ئىچى سۈرۈش چاقسىمان ۋىرۇسلۇق ئۈچەي ياللۇغى، چاقسىمان ۋىرۇس يۇقۇملاندۇرۇشتىن كېلىپ چىققان ئىچ سۈرۈش كېسىلى بولۇپ، كىچىك بالىلاردا كۈزدە،قىشتا ئىچى سۈرۈش كۆپ كۆرۈلىدىغانلىقتىن مۇشۇنداق ئاتالغان. كۈزلۈك ئىچى سۈرۈش ئالتە ئايلىقتىن ئىككى ياشقىچە بوۋاقلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ. كېسەل باشلىنىشتا دائىم قىزىش قاتارلىق ئۈستۈنكى نەپەس يول يۇقۇملىنىش ئالامىتى قاتارلىقلار بىللە كېلىپ، ئىچ سۈرۈشتىن ئىلگىرى دائىم ئاۋۋال قۇسىدۇ. گىرىپتار بولغۇچىنىڭ چوڭ تەرىتىنىڭ قېتىم سانى كۆپىيىدۇ. كۆپىنچىسىنىڭ كۈندىلىك چوڭ تەرەت قېتىم سانى 10 قېتىمنىڭ ئىچىدە، بەزىدە 10 قېتىمدىن كۆپ بولۇپ، ھەر قېتىملىق مىقدارى كۆپ، سېرىق ياكى سۇس سېرىق رەڭدە سۇدەك ياكى تۇخۇم شورپىسىدەك، سېسىق پۇرىمايدۇ، چوڭ تەرەتنى مىكروسكوپتا تەكشۈرگەندە ئاز مىقداردا ئاق قان ھۈجەيرىسى كۆرۈنىدۇ. بۇ كېسەلنىڭ بىر تەبىئىي جەريانى بولۇپ، ئادەتتە كېسەللىك جەريانى ئۈچ - سەككىز كۈن، ئاز ساندىكىلىرىنىڭ تېخىمۇ ئۇزۇن بولىدۇ. كۈزلۈك ئىچى سۈرۈشتە چوڭ تەرەتنىڭ قېتىم سانى كۆپ ھەم مىقدارى كۆپ، سۇدەك بولىدۇ. شۇڭا گىرىپتار بولغۇچىدا ئاسانلا سۇسىزلىنىش، ئېلېكترولت قالايمىقانلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر يۈز بېرىدۇ. شۇڭا ئائىلە باشلىقلىرى بوۋاقنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى كۆزىتىشكە ئەھمىيەت بېرىش، غەيرىي ئەھۋال كۆرۈلگەن ھامان دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرۈپ داۋالاش كېرەك
← بارلىق تېمىلار نەمە
كۈزلۈك ئىچى سۈرۈش دېگەن نېمە؟ | UyghurWiki | UyghurWiki