UyghurWiki›نەمە›قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى بەرگەندە بالىنىڭ زىيادە سېزىمچانلىقىنىڭ قوزغىلىشىدىن قانداقساقلىنىش كېرەك؟
قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى بەرگەندە بالىنىڭ زىيادە سېزىمچانلىقىنىڭ قوزغىلىشىدىن قانداقساقلىنىش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
بالىنىڭ يېمەك - ئىچمەككە بولغان زىيادە سېزىمچانلىقىنى قوزغايدىغان سەۋەبلەر ناھايىتى كۆپ، ھەربىر بالا ئوخشاش بولمايدۇ. كالا سۈتىمۇ بۇ خىل ئالامەتنى پەيدا قىلىدىغان دائىم كۆرۈلىدىغان سەۋەب. كالا سۈتىگە بولغان زىيادە سېزىمچانلىقى يۇقىرى بالىلارغا پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى ماسلاشتۇرۇپ بېرىش كېرەك. دائىم زىيادە سېزىمچانلىقنى قوزغايدىغان باشقا يېمەكلىكلەرگە تۇخۇم ئېقى، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، بۇغداي، قاتتىق پوستلۇق مېۋە، قوناق، پۇرچاق قاتارلىقلارنى ئارىلاشتۇرۇپ بېرىش كېرەك. ئادەتتە قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى تۇنجى قېتىم قوشقاندا بۇلارنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىڭ. قوناق ئاقسىلى بولسا قوناقلار ئارىسىدىكى ئومۇميۈزلۈك زىيادە سېزىمچانلىقنى قوزغايدىغان تەركىب، گۈرۈچ بولسا زىرائەت ئاقسىلى ئەڭ تۆۋەن بولغان زىرائەت بولۇپ، سېزىمچانلىقنى قوزغىشى ئاستا. شۇڭا، ئەڭ بالدۇر گۈرۈچ تامىقى بېرىش كېرەك. يېمەك - ئىچمەكنىڭ ئەكس تەسىر قىلىشى ئادەتتە مەڭگۈلۈك بولمايدۇ. يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئازلايدۇ، ئەكس تەسىر قىلغان يېمەكلىكلەرنى بىر قانچە ئاي ياكى بىرقانچە يىلدىن كېيىن سىناپ باقسا، ئەكس تەسىر قىلماسلىقى مۇمكىن