ئۆتكۈر يۇقۇملىنىش خاراكتېرلىك كېكىردەك ياللۇغىنى قانداق داۋالايدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ئۆتكۈر يۇقۇملىنىش خاراكتېرلىك كېكىردەك ياللۇغىنى داۋالاش تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
1. نەپەس يولىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش. مەسىلەن: بەلغەم يۇمشىتىش دورىلىرىنى پۈركۈپ، بەلغەم قاتارلىق ئاجرالمىلارنىڭ چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئېغىر دەرىجىدە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ۋاقتىدا ئوكسىگېن سۈمۈرۈتۈش كېرەك.
2. پائال تۈردە يۇقۇملىنىشنى كونترول قىلىپ، ۋېنادىن تەڭ تەسىرلىك ئانتىبىئوتىكلارنى ئوكۇل قىلىش. مەسىلەن: پېنىتسىللىن تۈرىدىكىلەر، سىفالوگلىتسىن تۈرىدىكىلەر قاتارلىقلار.3. بۆرەك ئۈستى بېزى پوستلاق ھورمونىنىڭ ئىشلىتىلىشى. بۆرەك ئۈستى بېزى پوستلاق ھورمونى بىلەن ئانتىبىئوتىكلارنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلەتكەندە ۋاقتىدا كېكىردەكتىكى سۇلۇق ئىششىقنى پەسەيتكىلى، كېكىردەك توسۇلۇشنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ. ئالامىتى يېنىكرەك بولغۇچىلارغا يەرلىك ئورۇنغا دورا ئىشلىتىش ياكى دورا ئىچكۈزۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىش، ئالامىتى ئېغىرراق بولغۇچىلارغا ۋېنادىن دورا ئوكۇل قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا بولىدۇ.
4. باشقىچە داۋالاش. مەسىلەن: بىئارام بولىدىغانلارغا مۇۋاپىق تىنچلاندۇرغۇچى دورا بېرىشكە بولىدۇ. ئالاھىدە كۆرسىتىپ بېرىشكە تېگىشلىكى، ئەگەر يۇقىرىقىدەك بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ بولغان بولسىمۇ كېسەللەنگۈچىنىڭ كېكىردەك توسۇلۇش ئەھۋالىدا يېنىكلەش بولمىسا ۋاقتىدا كاناينى يېرىش ئوپېراتسىيىسى ياكى كانايغا نەيچە كىرگۈزۈپ نەپەسلەندۈرۈش ئېلىپ بېرىش كېرەك.