يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى سېرىقلىق چۈشۈش دېگەن نېمە؟
نېمە ئۈچۈن
سېرىقلىق چۈشۈش ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بەدەندىكى بىلىرۇبىننىڭ قويۇقلۇقى ئۆرلەشتىن كېلىپ چىقىدىغان كۆز ئېقى، شىللىق پەردە، تېرە ھەتتا بەدەن سۇيۇقلۇقى سېرىق رەڭگە كىرىدىغان بىر خىل ھادىسىنى كۆرسىتىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى سېرىقلىق چۈشۈش فىزىئولوگىيىلىك سېرىقلىق چۈشۈش ۋە پاتولوگىيىلىك سېرىقلىق چۈشۈش دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ. ئىككىسىنىڭ كېسەللىك سەۋەبى، ئىپادىسى ھەم يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ سالامەتلىكىگە بولغان تەسىرى قاتارلىق تەرەپلەردە روشەن پەرقلىق، پەرقىگە دىققەت قىلىش كېرەك.