UyghurWiki
UyghurWikiنەمەئوڭ ۋە سول ئىككى قولىنى بىرلا ۋاقىتتا مەشىق قىلدۇرغىلى بولامدۇ؟

ئوڭ ۋە سول ئىككى قولىنى بىرلا ۋاقىتتا مەشىق قىلدۇرغىلى بولامدۇ؟

نېمە ئۈچۈن بەزىلەر سول قولىنى ئىشلىتىشكە ئادەتلىنىپ قالغان. بۇ <سولخاي> دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ بىر كېسەللىك ئالامىتى ئەمەس. ئىلمىي تەتقىقات بىزگە ئىرسىي گېننىڭ سولخايلىقنىڭ شەكىلللىنىش جەريانىدا يېتەكچىلىك رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى، ھەرگىزمۇ سول قولىنى كۆپ ئىشلەتكەنلىك سەۋەبىدىن بولمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى. بالا قولى بىلەن پىرەنىك، كەمپۈت قاتارلىق نەرسىلەرنى ئېلىشنى بىلىشكە باشلىغاندا، ئاتا - ئانا ئۇنىڭ ھەمىشە سول قولىنى چىقارغانلىقىغا دىققەت قىلىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار بۇنى تۈزىتىشكە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ. بالا سول قولى بىلەن قوشۇقنى ئالغاندا، دەرھال ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ، ئوڭ قولىغا ئېلىپ قويىدۇ. بىراق كەينىگە بىر قاراپ بولغۇچە، قوشۇق يەنە بالىنىڭ سول قولىغا چىقىپ قالغان بولىدۇ. بالا سول قولى بىلەن بىرەر نەرسىلەرنى تىزىپ ئوينىغاندا، ئاتا - ئانا بىر ئامال قىلىپ ئۇنىڭ سول قولىنى بالىنىڭ يانچۇقىغا سېلىپ قويۇپ، ئوڭ قولىنى ئىشلىتىشكە مەجبۇرلىغاندا ئوڭ قولى بىلەن بىرەر نەرسىنى تىزالماي، ئۇنى ئىتتىرىۋېتىپ باشقا نەرسىلەرنى ئويناشقا باشلايدۇ. نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ؟ تەپسىلىي كۆزەتكەندە، جاۋابنى تاپماق ئۇنچىۋالا تەس ئەمەس. ئەسلىدە ئۇنىڭ ئوڭ قولىنىڭ باش بارمىقىنى بىلەن كۆرسەتكۈچ بارمىقىنىڭ ئىقتىدارى بىر ئاز ناچار بولىدۇ، ھەرىكىتىمۇ چاققان ئەمەس. بالىنىڭ سول قولى ئوڭ قولغا قارىغاندا بىر ئاز ئەپچىل بولغاچقا، سول قولنى ئىشلىتىشنى ئادەتلەندۈرۈۋالغان. چوڭ مېڭە ئۈستۈنلۈك ئىلمى بۇ ئىش توغرىسىدا مۇنداق شەرھلەيدۇ: سول قولىنى ئىشلىتىشكە ئادەتلىنىپ قالغانلار ئىچىدە، چوڭ مېڭىسىدە ئۈستۈنلۈك ئىگىلەيدىغان ئورنى ئوڭ يېرىم شارچە، ئوڭ قولىنى ئىشلىتىشكە ئادەتلىنىپ قالغانلارنىڭ چوڭ مېڭىسىدە ئۈستۈنلۈك ئىگىلەيدىغىنى سول يېرىم شارچە. بۇ خىل ئۈستۈنلۈك كۈنلەرنىڭ بىرىدە كاشىلىغا ئۇچرىسا، تىل جەھەتتىكى قالايمىقانچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كىتاب ئوقۇشتا قىينىلىدۇ. سولغايلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ ئوڭ يېرىم شارچىسى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن ئىكەن، ئۇنىڭ ئوڭ قولىنى ئىشلەتمىگى تەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاتا - ئانا دائىم مەجبۇرلاش خاراكتېرىدە بالىنىڭ بۇ خىل ئادىتىنى يوق قىلىۋېتىدۇ، بۇ ئۇنىڭ ئەپچىل سول قولىنىڭ چېنىقىش پۇرسىتىنى يوق قىلىۋېتىدۇ. ئاقىۋەتتە، ئوڭ قول، سول قول ئىككىلىسى كېچىكىپ يېتىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە <سولخاي> بولغاننىڭ ھېچقانداق زىيىنى يوق. بەزىبىر تىك تاك توپ، چويلا توپ، نەيزىۋازلىق قىلىدىغان تەنھەرىكەتچىلەر ئاساسەن سول قولدىكى ئۈستۈنلۈكى بويىچە ماھارىتىنى كۆرسىتىپ، ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىدۇ، بىراق ئىنسانلار ئارىسىدا <ئوڭخاي> لار بىر ئاز كۆپ بولۇپ، بۇ ئوڭخاي بولۇش ياخشى دېگەن ئادەتنى شەكىللەندۈرگەن. بىز ئوڭ - سول ئىككى قولنى ئوخشاش چېنىقتۇرۇپ، ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەمچىلىكىنى تولدۇرۇپ، چوڭ مېڭىنىڭ ئىككى يېرىم شارچىنىڭ تەڭ تەرەققىياتىغا ئېرىشىشىنى تەشەببۇس قىلىمىز.
← بارلىق تېمىلار نەمە