سامانيولى سىستېمىسىدا نېمىلەر بار؟
نېمە ئۈچۈن
بىز ياشاۋاتقان يەر شارى ھەمدە يەر شارى تۇرۇشلۇق قۇياش سىستېمىسى سامانيولى سىستېمىسىغا جايلاشقان. سامانيولى سىستېمىسى ئىنتايىن چوڭ بىر تۇرغۇن يۇلتۇزلار ئائىلىسى بولۇپ، ئۇنىڭغا قۇياشقا ئوخشاش نەچچە يۈز مىليارد دانە تۇرغۇن يۇلتۇز ۋە نۇرغۇن يۇلتۇزلار ئارا ماددىلار ماكانلاشقان.
ئەگەر سامانيولى سىستېمىسىنى ئۇنىڭ سىرتىدا تۇرۇپ كۆزىتىش مۇمكىن بولىدىغان بولسا، يان تەرەپتىن قارايدىغان بولساق، سامانيولى سىستېمىسىنىڭ ئوتتۇرىسىنىڭ تۆت ئەتراپىدىن قېلىن بولۇپ، بەئەينى تەنتەربىيە دەرسىدە ئىشلىتىلىدىغان دىسكىغا ئوخشىشىدىغانلىقىنى، بۇ دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دىسكىنىڭ دەل مەركىىزنى چۆرىدەپ ئايلىنىۋاتقانلىقىنى بايقايمىز. ئۇدۇلدىن قارايدىغان بولساق، سامانيولى سىستېمىسى غايەت زور قاينامغا ئوخشاش بولۇپ، ئوتتۇرىدىن سىرتقا قاراپ تۆت تال ئەگرى ئايلىنىش يەلكىسى سوزۇلۇپ چىققانلىقىنى كۆرىمىز، سامانيولى سىستېمىسىدىكى تۇرغۇن يۇلتۇزلار ۋە يۇلتۇزلار ئارا ماددىلارنىڭ كۆپىنچىسى مۇشۇ ئايلىنىش يەلكىلىرىگە مەركەزلەشكەن. بىزنىڭ قۇياش سىستېمىمىز سامانيولى سىستېمىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن تەخمىنەن 28 مىڭ يورۇقلۇق يىلى يىراقلىققا جايلاشقان.
سامانيولى سىستېمىسىنىڭ ئاساسلىق ئاھالىسى تۇرغۇن يۇلتۇزلاردىن ئىبارەت، بۇلاردىن باشقا، سامانيولى سىستېمىسىدا يەنە تارقاق يۇلتۇزلار توپى، شارسىمان يۇلتۇزلار توپى ۋە ھەر خىل ھالەتلەردىكى تۇمانلىقلار بار. سامانيولى سىستېمىسىدىكى تۇمانلىقلار ئومۇمەن توزان ۋە گازدىن تەشكىل تاپقان، شەكلى، رەڭگى ھەر خىل بولۇپ، سامانيولى سىستېمىسىنى رەڭگارەڭ تۈسكە كىرگۈزگەن.
سامانيولى سىستېمىسىنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ ئۇنىڭ ئومۇمىي قىياپىتىنى كۆرۈش مۇمكىن بولمايدۇ. پەقەتلا سامانيولى سىستېمىسىدىكى ساناقسىز تۇرغۇن يۇلتۇزلار ۋە تۇمانلىقلارنىڭ ئاسمان شارىدىكى سايىسىنى كۆرەلەيمىز، ئۇلار بىزگە يۇلتۇزلۇق ئاسماننى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتكەن سۈت رەڭ يورۇق بەلۋاغ بولۇپ كۆرۈنىدۇ، مانا بۇ بىز يەر شارىدا تۇرۇپ كۆرگەن سامانيولى سىستېمىسىدۇر.