نېمە ئۈچۈن ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئۆيلىرىدە گۈل بېقىشىنى چەكلەش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
گۈل - گىياھلار ئۆينى بېزەپلا قالماستىن، ئۆينىڭ ھاۋاسىنى تەڭشەيدۇ. بىراق بارلىق گۈللەرنى ئۆيگە تىزىش مۇۋاپىق ئەمەس، بولۇپمۇ ھامىلىدار ئاياللار تۇرىدىغان ئۆيگە گۈل قويغاندا، تېخىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك. ناماز شام گۈلى، سېرىنگۈل قاتارلىق گۈللەر ئۆيدىكى ئوكسىگېننى سۈمۈرۈپ، كاربون ت(Ⅳ) ئوكسىدنى چىقىرىدۇ، شۇ سەۋەبلىك ئۆي ئىچىدىكى ئوكسېگىن بارغانسېرى ئازلاپ، ھامىلىنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. يەسىمەنگۈل، سىرىنگۈل، نەرگىس گۈل، مۇلەن گۈل قاتارلىق كۈچلۈك پۇراقلىق گۈللەر ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئىشتىھاسىنى بوغۇۋېتىدۇ ياكى پۇراش سېزىمىنى يوقىتىۋېتىدۇ. ھەتتا باش ئاغرىش، كۆڭلى ئېلىشىش ياكى ياندۇرۇش قاتارلىق ئالامەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ. ياپون رودېيىسى، ئالىقانسىمان كاكتوس، قوغۇنگۈل، كۈندە باھار قاتارلىق گۈللەرگە ئادەم يېقىنلاشقاندىن كېيىن تېرە قىچىشىپ، تېرىگە بولغان زىيادە سېزىم ئىنكاسى بولىدۇ. شۇڭا، ھامىلىدار ئاياللار ئۆيىگە گۈل قويماسلىقى كېرەك.