UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالا ئىمىتىۋاتقان ئاياللار تاماقنى خىلمۇخىل قىلىش كېرەكمۇ؟

بالا ئىمىتىۋاتقان ئاياللار تاماقنى خىلمۇخىل قىلىش كېرەكمۇ؟

نېمە ئۈچۈن بالا ئېمىتىۋاتقان مەزگىلدە ئانىلار ئوزۇقلۇقنىڭ تولۇق، تەڭپۇڭ بولۇشىغا دىققەت قىلىشى ۋە تاماق تاللىماي، تاماقنىڭ تۈرىنى تولۇق قىلىشى، مىقدارىنىمۇ مۇۋاپىق كۆپەيتىشى كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندا ئانىنىڭ كۈندە يېتەرلىك ئوزۇقلۇقنى قوبۇل قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ، يەنى زىرائەت تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى يېيىشتىن باشقا، يەنە باشقا خىل يېمەكلىكلەرنىمۇ ھەرخىللاشتۇرۇش كېرەك. شۇنداقلا بىر ۋاخ تاماقنى كۆپەيتسىمۇ بولىدۇ. ئاساسلىق تاماقنى كۆپ خىللاشتۇرۇش، گۈرۈچ تامىقى، ئۈگرە، جۇۋاۋا قاتارلىقلار. بىراق ئاق گۈرۈچ، ئاق ئاشنى كۆپ يېيىشكە بولمايدۇ. قارا ئاشلىقلارنى ماسلاشتۇرۇش كېرەك، مەسىلەن: كۆممىقوناق. ھەركۈنى بەلگىلىك مىقداردا قارا ئاشلىق ئىستېمال قىلىش ۋە ماسلاشتۇرۇش كېرەك. مەسىلەن: سۇلۇ، تېرىق، قىزىل پۇرچاق، يېشىل پۇرچاق قاتارلىقلار. بۇنىڭدىن باشقا، تۇخۇم، ئۇچار قانات گۆشلىرى، بېلىق تۈرلىرىنى كۆپ يېيىش، بالا ئېمىتىۋاتقان مەزگىلدە ئانا ھەر كۈنى قوبۇل قىلغان ئاقسىلدىن يۇقىرى بولىدىغان ھايۋانات گۆشلىرىنى يېيىش، يەنى ھايۋانات ئاقسىلىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك، ئۆسۈملۈك ئاقسىلىنى چوڭ پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر تولۇقلايدۇ. بۇنداق قىلغاندا، خىلمۇخىل ئوزۇقلۇقلار بىلەن تەمىنلىنىپلا قالماي، يەنە ئاقسىلنىڭ ئۆزئارا تولۇقلىنىش رولىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئاقسىلنىڭ سۈمۈرۈلۈش نىسبىتى ۋە ئىشلىتىلىش نىسبىتى يۇقىرىلايدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
بالا ئىمىتىۋاتقان ئاياللار تاماقنى خىلمۇخىل قىلىش كېرەكمۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki