UyghurWiki
UyghurWikiنەمەئەمچەكتىن ئايرىغاندىن كېيىن بالىلار نېمە يېسە بولىدۇ؟

ئەمچەكتىن ئايرىغاندىن كېيىن بالىلار نېمە يېسە بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئەمچەكتىن ئايرىلغان بالىلارنىڭ ئوزۇقلۇق ماددىلىرى ئاساسىي يېمەكلىك ۋە كۆكتاتلاردىن كېلىدۇ. بىر ياشلىق بالىلارنىڭ تامىقىنى بىر كۈندە بەش ۋاخ يەنى ئەتىگەن، چۈش، كەچ ئۈچ ۋاخ بېرىپ، ئىككى ۋاخ پىرەنىك بېرىش كېرەك. يېمەكلىكنىڭ قويۇقلۇق - سۇيۇقلۇقى قاتارلىق تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش كېرەك، يۇمشاق، ئىزىك، بوش بولسا ياخشى بولىدۇ. ئوزۇقلۇقى مول، ئاسان ھەزىم بولىدىغان يېمەكلىكنى يېيىشى كېرەك. بىر ياشلىق بالىلارنىڭ چايناش ئىقتىدارى ۋە ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى نىسبەتەن ئاجىز بولۇپ، چاينىغان يېمەكلىكلەر ئوڭاي ھەزىم بولمايدۇ، ئوڭايلا ئىچى سۈرۈپ كېتىدۇ. ئادەتتە، ئاساسىي يېمەكلىكلەردىن يۇمشاق تاماق، ئېزىلگەن ئۈگرە، گۈرۈچ ئۇنى ئۇمىچى، كىچىك چۆچۈرە قاتارلىقلارنى بېرىپ، گۆش، يېشىل كۆكتات ۋە تۇخۇملارنى قوشۇمچە بېرىش، غىدىقلاش رولىغا ئىگە يېمەكلىكلەرنى بېرىشتىن ساقلىنىش كېرەك، ھەزىم قىلىش يوللىرى غىدىقلاش رولىغا ئىگە يېمەكلىكلەرگە ناھايىتى تەستە ماسلىشىدۇ ياكى ماسلىشالمايدۇ. شۇڭا، بالىنى ئەمچەكتىن ئايرىغاندىن كېيىن قىزىلمۇچ قاتارلىق ئاچچىق نەرسىلەرنى بەرمەسلىك كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە