پاراخوتلاردىكى سونار قانداق ئىشلەيدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
سونار <سۇ ئاستى رادار> دەپ ئاتىلىدۇ. رادار بولسا ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنىنى تارقىتىش ئارقىلىق ئىشلەيدۇ، ئەمما سونار بولسا سۇدا ئاۋاز دولقۇنى تارقىتىش ئارقىلىق تەكشۈرىدۇ، سىگنال يەتكۈزىدۇ، ئورنىنى جەزملەشتۈرىدۇ ۋە پەرقلەندۈرىدۇ.
نېمە ئۈچۈن پاراخوتلار رادار ئىشلىتىلمەي، سونار ئىشلىتىلىدۇ؟ چۈنكى دېڭىز سۈيى ئېلېكترو ماگنىت دولقۇنىنى ناھايىتى ئاسانلا سۈمۈۈۋالىدۇ، شۇڭا سۇ ئاستىدا رادارنى ئىشلەتكىلى بولمايدۇ. بىراق، ئاۋازنىڭ سۇدىكى تارقىلىش سۈرئىتى ھاۋادىكىدىن تۆت - پەش ھەسسە تېز، ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇدىكى تارقىلىش ئارىلىقى ھاۋادىكىگە قارىغاندا كۆپ يىراق. شۇڭا، كىشىلەر سۇ ئاستىدا ئاۋاز دولقۇنىدىن پايدىلىنىپ تەكشۈرۈشنى ئويلىغان ھەمدە گⅩⅩ ئەسىرنىڭ بېشىدا سونارنى ئاخىر كەشىپ قىلغان.
سونارنىڭ تەكشۈرۈش شەكلى ئىككى خىل بولۇپ، بىر خىلدا سۇنار تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاۋاز دولقۇنى تارقىتىدۇ، ئاۋاز دولقۇنى نىشان جىسىمغا تەگكەندە قايتىدۇ، بۇ قايتقان دولقۇن نىشاننىڭ ئارىلىقىنى، ئورنىنى ۋە تۈرىنى تەكشۈرۈشكە ئىشلىتىلىدۇ؛ يەنە بىر خىل سونار ئاۋاز تارقاتمايدۇ، بەلكى نىشان جىسىم چىقارغان ئاۋاز دولقۇنىنى قوبۇل قىلىدۇ. پاراخوت، سۇ ئاستى پاراخوت، باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد، تورپېدا قاتارلىق قوراللار سۇدا سىلجىغاندا ۋە خىزمەت قىلغاندا، ھامان شاۋقۇن چىقىرىدۇ، شۇڭا، سونار مۇشۇ شاۋقۇنلارغا ئاساسەن قارشى تەرەپنىڭ ئورنى، ئارىلىقى ۋە تېزلىكىگە ھۆكۈم قىلىدۇ.
ھازىر، ھەربىي پاراخوتلارنىڭ ھەممىسىگە دېگۈدەك سونار ئورنىتىلغان بولۇپ، پاراخوتلارنىڭ ۋە تەكشۈرۈش مەقسىتىنىڭ ئوخشاشماسلىقىغا ئاساسەن، سونار بىر قانچە مىلدىن نەچچە ئون مىلغىچە بولغان ئارىلىقنى تەكشۈرىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، بەزى سۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشى ئايروپىلانلارغىمۇ سونار ئورنىتىلغان بولۇپ، بۇ سونار مەخسۇس سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ ھەرىكەت يۆنىلىشىنى رازۋېدكا قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ.