UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى ئەملىنىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى ئەملىنىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ھامىلە مەزگىلىدە ھامىلە بالا ھەمراھى ئارقىلىق ئانا تېنىدىن بەزىبىر يۇقۇملۇق كېسەللەرگە قارشى ئىممۇنىتېتلىق ماددىلارغا ئېرىشىدۇ. شۇ سەۋەبتىن بوۋاق تۇغۇلۇپ بىر مەزگىل (تەخمىنەن ئالتە ئاي) ئىچىدە بۇ ئىممۇنىتېتلىق ماددىلار بەلگىلىك دەرىجىدە بوۋاقلارنى مەلۇم خىل يۇقۇملۇق كېسەللەردىن قوغدايدۇ. لېكىن بوۋاقنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ بۇ ئىممۇنىتېتلىق ماددىلار بارا - بارا ئاجىزلايدۇ ۋە يوقايدۇ، بوۋاقنىڭ قارشى تۇرۇش كۈچى بارا - بارا ئاجىزلاپ ئاسانلا بەزىبىر يۇقۇملۇق كېسەللەر بىلەن يۇقۇملىنىپ قالىدۇ. شۇڭا پىلانلىق ھالدا ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى ئەملەش ئارقىلىق بەزىبىر يۇقۇملۇق كېسەللەر يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىگە يېتىپ، بوۋاق بەدىنىنىڭ ساغلاملىقى قوغداپ قېلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
نېمە ئۈچۈن ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى ئەملىنىدۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki