ئۆزى بوشىنىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى بارمۇ؟
نېمە ئۈچۈن
بوشىنىش — ھامىلىدار ئاياللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا بىر قېتىملىق ئەڭ ئازابلىنارلىق ئىش. ھامىلىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا بىر قېتىملىق خەتەرلىك جەريان. قانداق قىلغاندا تۇغۇت جەريانىنى قىسقارتىپ، ھامىلىدار ئايالنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، ھامىلىنىڭ بوشىنىش ۋاقتىدىكى كۈتۈلمىگەن ھادىسىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ تۇغۇلغاندىن كېيىنكى يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسەتكىلى بولىدۇ؟ بۇلار سۈپەتلىك تۇغۇشتىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈر. نۆۋەتتە جۇڭگودا تۇغۇتلۇق ئاياللارغا دائىم قوللىنىپ كېلىۋاتقان بوشىنىش ئۇسۇلى يېتىپ تۇرۇپ بوشىنىش ۋە تۇغۇت كارىۋىتىدا بوشىنىشتىن ئىبارەت. بۇ خىل تۈز شەكىلدە يېتىپ بوشىنىش ئۇسۇلىنى قوللانغاندا، تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ ئۆزىنىڭ كۈچىشىگە توغرا كېلىدۇ. بىراق كۆپىنچە ھاللاردا ھامىلىدار ئاياللارنىڭ كۈچى يېتىشمەي، تۇغۇت ۋاقتى ئۇزىراپ كېتىدۇ. غەربتىكى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىكى ئاياللار بوشانغان ۋاقىتتا ئۆزلۈكىدىن ئۆرە تۇرۇپ ياكى ئولتۇرۇپ بوشىنىش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ. بۇ ئىككى خىل بوشىنىش ئۇسۇلىنىڭ قانداق ئارتۇقچىلىقى بار؟ بۇ ئىككى خىل ئۇسۇلنى شىۋىتسىيە تېببىي ئالىملىرى ماشىنىدا، پاراخوتتا تۇيۇقسىز تۇغۇت ئالدىدا تۇرغان 100 نەپەر ئاياللارنى كۆزىتىش ئارقىلىق تەشەببۇس قىلغان. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بۇ تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ تۇغۇتى يېقىنلىشاي دېگەندە، قورسىقى ئاغرىپ، تىزى تىترەشكە باشلىغاندا، شارائىت بولمىغاچقا ياكى ياتىدىغان ئورۇن بولمىغاچقا، مېڭىپ يۈرۈپ ياكى ئولتۇرۇپ ئورۇندۇققا يۆلىنىپ تۇرۇپ، ھەتتا ھامىلىنىڭ بېشىنى قىستاپ چىقىرىپ، ھاجەتخانىدا تەرەت قىلغاندەك زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ تۇغىدۇ. بۇ خىل تۇغۇتلۇق ئاياللار ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلىپ كەتمىگەن بولسىمۇ، ھامىلە ئوتتۇرا ھېسابتا ئىككى سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئۆزلۈكىدىن چۈشىدۇ. ھامىلە تۇغۇت يولىدا 15 مىنۇتتىن ئارتۇق تۇرمايدۇ. تەكشۈرگۈچلەر تەتقىق قىلىش ئارقىلىق مۇشۇنداق نەتىجىگە ئېرىشكەن. ئۆرە تۇرۇپ ياكى ئولتۇرۇپ بوشىنىش ئۇسۇلىنى قوللانغاندا ھامىلە تۈز چۈشىدۇ ۋە تۇغۇت جەريانى قىسقا بولىدۇ. ياپونىيە ئاپتونومىيە تېببىي پەن ئالىي مەكتىپىدىكى تېگيوفو دوكتورنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆرە تۇرۇپ ياكى ئولتۇرۇپ بوشانغاندا، تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ دەۋرىي خاراكتېرلىك ئاغرىشى كۆپىيىپ، تەرتىپلىك بولىدىكەن، ھامىلىنىڭ يۈرىكىنىڭ سوقۇشىمۇ نورمال بولىدىكەن. ئەگەر تۇغۇتلۇق ئاياللار ئىختىيارىي ھەرىكەت قىلسا، ھامىلىنىڭ تېز سۈرئەتتە تۇغۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن. شۇڭا، مۇتەخەسسىلەر ئۆرە تۇرۇپ ياكى ئولتۇرۇپ بوشىنىشتىن ئىبارەت <ئەڭ ياخشى تەبىئىي بوشىنىش ئۇسۇلى> نى تەشەببۇس قىلىدۇ. ياۋروپا ۋە ياپونىيىدە بۇ خىل بوشىنىش ئۇسۇلىنى قوللانغانلار بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ. بۇ ئىككى خىل ئۇسۇلنى قوللىنىدىغان مەخسۇس تۇغۇت دوختۇرخانىلىرىمۇ پەيدا بولماقتا.