ئېيىغا توشقان يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭئەقلىي ئىقتىدارى قايسى سەۋىيىگە يېتىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
بوۋاق ئېيىغا توشقاندا ئەڭ ئېنىق ئىپادىسى ئۆزىنىڭ كىچىك قولىغا قاراشنى ياخشى كۆرىدۇ. كىچىك قولىنى كۆزىنىڭ ئالدىغا ئەكىلىپ ئون سېكۇنتتىن ئارتۇق قاراپ تۇرىدۇ. ئاۋاز چىقىرىشى يەنىلا يىغلاشنى ئاساس قىلغان بولۇپ، بەزىدە كۈلكە ئاۋازىنى چىقىرىدۇ؛ بوۋاق تاشقى دۇنياغا قىزىقىشقا باشلايدۇ. ئاۋاز چىققان تەرەپكە ۋە ھەرىكەتلىنىۋاتقان نەرسىگە قارايدۇ ھەم نەرسىلەرگە تىكىلىپ قاراشنى ياخشى كۆرىدۇ. نەرسىلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا بوۋاق بەكرەك ئادەمنى ياخشى كۆرىدۇ، جىمجىت ھالدا ئادەمنىڭ يۈزىگە دىققەت قىلىدۇ. بوۋاقلار رەڭلىك رەسىملەرنى كۆرۈشنى، سېرىق، قىزىل، ھال رەڭ قاتارلىق رەڭلەرنى، تەكشىلىكتىكى رەسىمگە قارىغاندا ئادەمنىڭ ستېرېئولوق رەسىمىنى بەكرەك ياخشى كۆرىدۇ. تونۇشلۇق بولغان كونسېرتلاردىن بوۋاقلار خۇشاللىق ھېس قىلىدۇ ھەم قولىنى پۇلاڭلىتىش، پۇتىنى تېپىش قاتارلىق ئىنكاسلارنى قايتۇرىدۇ، شۇنداقلا ھەممىدىن بەكرەك ئاتا - ئانىسىنىڭ ناخشا ئېيتىپ بېرىشىنى، سىيلاپ قويۇشنى ياخشى كۆرىدۇ ھەم ئاۋازلارنى، ئادەمنى، تەم، پۇراقلارنى پەرقلەندۈرەلەيدۇ، ئاچچىقلىنىش، خۇشاللىنىش قاتارلىق كەيپىياتلارنى ئىپادىلەشكە باشلايدۇ.