نېمە ئۈچۈن دۇنيادىكى ئەڭ ئىسسىق جاي ئېكۋاتورا ئەمەس؟
نېمە ئۈچۈن
دۇنيادىكى ئەڭ ئىسسىق جاي قەيەردە؟ نۇرغۇن كىشىلەر ئېكۋاتور رايونى ئەڭ ئىسسىق جاي دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئەڭ ئىسسىق جاي ئېكۋاتوردا ئەمەس، دۇنيادىكى نۇرغۇن جايلارنىڭ كۈندۈزدىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى ئافرىقىدىكى سەھرايىكەبىر چوڭ قۇرۇقلۇقى، دۆلىتىمىزدىكى تەكلىماكان قۇملۇقى قاتارلىق قۇملۇقلارنىڭكىگە ئوخشاش 45 سېلسىيە گرادۇستىن ئېشىپ كېتىدۇ. لېكىن ئېكۋاتور رايونىنىڭ كۈندۈزدىكى تېمپېراتۇرىسى قۇياش نۇرى تولۇق چۈشكەن ھالەتتىمۇ 35 سېلسىيە گرادۇستىن ئارانلا ئاشىدۇ.
ئېكۋاتورنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى دېڭىز - ئوكيان، شۇڭلاشقا بىر تەرەپتىن دېڭىز سۈيى پارغا ئايلىنىپ نۇرغۇن ئىسسىقلىقنى سۈمۈرۈۋالسا، يەنە بىر تەرەپتىن دېڭىز سۈيىنىڭ ئىسسىقلىق سىغىمچانلىقى چوڭ بولىدۇ، سۇ تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆرلىشى قۇرۇقلۇقنىڭكىدىن ئاستا بولىدۇ. شۇڭا، كۈندۈزى ئېكۋاتور چەمبىرىكى ئەتراپىدىكى دېڭىز - ئوكيانلارنىڭ تېمپېراتۇرىسى تېز ئۆرلىمەيدۇ، ئۇ يەرنىڭ ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكىدەك يۇقىرى ئەمەس.
قۇملۇق رايونلارغا كەلسەك، ئۇ يەرلەردە ئۆسۈملۈك شالاڭ، سۇ مەنبەسى كەمچىل بولۇپ، پارغا ئايلانغۇدەك سۇ تەركىبى يوق. قۇمنىڭ ئىسسىقلىق سىغىمچانلىقى كىچىك بولغاچقا تېمپېراتۇرىسى تېز ئۆرلەيدۇ، ئىسسىقلىق يەر ئاستى قاتلىمىغا ئاسانلىقچە تارقىلالمايدۇ. شۇڭا كۈندۈزى قۇياش قۇملۇق يۈزىنى قاتتىق قىزىېتىۋېتىدۇ، لېكىن تۆۋەن قاتلامدىكى قۇم مۇزدەك تۇرىدۇ. قۇملۇق رايونلاردا قۇياش كۆرۈنگەن ھامان تېمپېراتۇرا تېز ئۆرلەيدۇ، چۈش بولغاندا كۈچلۈك قۇياش نۇرى يەر يۈزىنى ئوتتەك قىزىتىۋېتىدۇ، تېمپېراتۇرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئۆرلىگەندە 55 سېلسىيە گرادۇسقا يېتىدۇ.
يەنە بىر سەۋەب شۇكى، ئېكۋاتور رايونىدىكى ھۆل - يېغىن مىقدارى قۇملۇق رايونىدىكىدىن خېلى كۆپ بولىدۇ. ئېكۋاتور رايونىدا ھەر كۈنى چۈشتىن كېيىن دېگۈدەك يامغۇر ياغىدۇ، مۇشۇنداق بولغاچقا تېمپېراتۇرا ئۆرلىمەيدۇ. لېكىن قۇملۇقتا يامغۇرنىڭ ياغقانلىقىنى كۆرۈش ناھايىتى تەس، كۈندە دېگۈدەك ھاۋا ئوچۇق بولىدۇ، قۇياش ئەتىگەندىن كەچكىچە يورۇتۇپ تۇرىدۇ، چۈشتىن كېيىنكى تېمپېراتۇرا بارغانسېرى ئۆرلەيدۇ.