UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالىنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ ئارقىدا قالغان- قالمىغانلىقىغا قانداق قىلغاندا ئاددىي ھالەتتە ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ؟

بالىنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ ئارقىدا قالغان- قالمىغانلىقىغا قانداق قىلغاندا ئاددىي ھالەتتە ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئەقلىي قابىلىيەتنىڭ ئارقىدا قېلىشىغا ئاساسلىقى، ئەقىل بۆلۈنمىسى بىلەن جەمئىيەتكە ماسلىشىشچانلىقى ئارقىلىق ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ. ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ ئارقىدا قېلىشى ئەقىل بۆلۈنمىسىنىڭ 70 ئۆلۈشىدىن تۆۋەن بولۇپ، ئىجتىمائىي ئالاقە ئىقتىدارى بىلەن شۇ ياشتىكى مەدەنىيەت تەربىيە تەلىپىگە ماس كەلمىگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئاتا - ئانىلار ئەقىل بۆلۈنمىسىنىڭ ئېنىق نەتىجىسى ئارقىلىق بالىنىڭ ئەقلىي قابىلىيەت سەۋىيىسىگە ھۆكۈم قىلىشقا ئىگە بولغان شەرت ئاستىدا، بالىنىڭ ھەرىكەت، تىل، كەيپىيات، سەزگۈ ئىقتىدارى قاتارلىقلارنى كۆزىتىش ئارقىلىق بالىنىڭ ئەقلىي قابىلىيەت ئەھۋالىغا دەسلەپكى قەدەم ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ. بالىنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ ئارقىدا قالغانلىقىنىڭ بىر قانچە خىل ئىپادىسى: 1. ھەرىكەت جەھەتتە يېتىلىشى ئارقىدا قالغان. چوڭراق ھەرىكەت ۋە نەپس ھەرىكەتلىرى (مەسىلەن: قول ھەرىكەتلىرى) نورمال بالىنىڭكىدىن ناچار بولىدۇ. مەقسەتسىز ھەرىكەت قىلىدۇ. ھەرىكەتلىرى كالامپاي، ساددا بولىدۇ. ھەرىكەتلىرى ئۆلۈك ھالەتتە بولىدۇ. 2. تىل جەھەتتە يېتىلىشى ئارقىدا قالغان. تىلى كېيىن چىقىدۇ، كۆپىنچىلىرى تولۇق ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ. كۆپ سۆزلەرنى بىلمەيدۇ. ھەتتا تىل ئىشلىتىشنى بىلمەيدۇ. ③ كەيپىياتى بىنورمال بولىدۇ، كەيپىياتى تۇراقسىز بولىدۇ. دائىم ئەقىل يەتمەيدىغان ئەنسىزلىكنى قىلىدۇ. شەيئىلەرگە بولغان ئىنكاسى قاشاڭ بولىدۇ. 4. ھېس - تۇيغۇ سەزگۈسىدە توسالغۇ پەيدا بولىدۇ. بۇ دىققەت قىلىش كۈچى، ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى ۋە تەپەككۇر ئىقتىدارىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىدا ئىپادىلىنىدۇ. تەھلىل قىلىش ئىقتىدارى ناچار بولىدۇ. ئۆز - ئۆزىنى قوغداش ئېڭى كەمچىل بولىدۇ. ئەقلىي قابىلىيىتى يېنىك دەرىجىدە ئارقىدا قالغان بىمارلاردا، بوۋاقلىق ۋە بالىلىق مەزگىلدە بىنورمال ئىپادىلەر ئانچە ئېنىق بولمايدۇ. مەكتەپكە كىرگەندە، نەتىجىسى تۆۋەن بولۇشى سەۋەبلىك ئاندىن ئادەمنىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ، چۈنكى بىمارلارنىڭ قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى ناچار بولىدۇ. بىراق تەربىيىلەش ئارقىلىق بەزىبىر ئاددىي ئەمگەكلەرنى ئۆزى مۇستەقىل قىلالىشى مۇمكىن. ئەگەر ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ ئارقىدا قېلىشى ئېغىرراق بولغان بىمارلار تۇرمۇشتا ئۆزىنىڭ ئىشىنى ئۆزى قىلالمايدۇ. باشقىلارنىڭ قوغدىشى ۋە خەۋەر ئېلىشىغا موھتاج بولىدۇ. ئەقلىي قابىلىيىتى تۆۋەن بالىلارغا نىسبەتەن بىنورمال بالىلارغا ئوخشاش تەلەپ قويۇشقا بولمايدۇ. بۇنداق بالىلارغا تۇرمۇش ماھارىتىنى ئۆگىتىش كىتابتىكى بىلىملەرگە قارىغاندا ئىنتايىن مۇھىم. شۇڭا، ئاتا - ئانىلار بالىلارغا ئوبيېكتىپ ھالدا قاراپ، مۇۋاپىق تەربىيە بەرسە، بالا ئۆز ئالدىغا ئىش قىلالايدىغان بولۇشى مۇمكىن ھەم جەمئىيەتكە تۆھپە قوشىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە