UyghurWiki
UyghurWikiنەمەتۇغما يۈرەكلىك كېسىلىنىڭ قانداق ئىپادىلىرى بار؟

تۇغما يۈرەكلىك كېسىلىنىڭ قانداق ئىپادىلىرى بار؟

نېمە ئۈچۈن تۇغما يۈرەك كېسىلىدە ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان تىپى قېرىنچىلار ئارا پاسىل كەمتۈك بولۇش، ئارتېرىيە كانىلى ئېتىلمەسلىك، ئۇنىڭدىن قالسا ئۆپكە ئارتېرىيە كلاپانى تار بولۇش، خامىن تۆت بىرلەشمە ئالامىتى قاتارلىقلار. يېنىك ئالامەتلىك تۇغما يۈرەك كېسىلى بولغۇچىلاردا ھېچقانداق غەيرىي ئىپادىلەر بولمايدۇ، ئۆسۈپ يېتىلىشى، ھەرىكەت مىقدارى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك نورمال كىچىك بالىلار بىلەن ئوخشاش، پەقەت باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تەكشۈرتكەندە دوختۇر بەدەن تەكشۈرۈش جەريانىدا يۈرەك شاۋقۇن ئاۋازىدىن تاسادىپىي بايقىۋالىدۇ. لېكىن ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ تۇغما يۈرەك كېسىلى بالىلارنىڭ كېسەللىك ئالامىتى بارا - بارا روشەنلىشىپ، دائىم ھەرىكەتتىن كېيىن يۈرەك سېلىش، نەپەسلىنىشى تېزلىشىش، ئاسانلا چارچاش، يۆتىلىش، قان تۈكۈرۈش، ھەتتا ھوشسىزلىنىش، يۈرەك زەئىپلىنىش قاتارلىقلار بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئېغىر ئالامەتلىك كېسەللەنگۈچىلەر بەزىلىرى تۇغۇلغاندىن كېيىن شىللىق پەردە كۆكىرىش، نەپىسى قىس بولۇش، يۈرەك زەئىپلىشىش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ، بەزىلىرى بوۋاقلىق مەزگىلىدە بېقىش تەسكە توختاش، سۈتنى بىر نەچچە يۇتۇم ئېمىپلا توختاپ قېلىش، نەپىسى قىس بولۇش، كۆپ مىقداردا تەر چىقىش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ. ئەگەر ۋاقتىدا دىئاگنوز قويۇپ داۋالىمىغاندا كىچىكلا ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن.
← بارلىق تېمىلار نەمە
تۇغما يۈرەكلىك كېسىلىنىڭ قانداق ئىپادىلىرى بار؟ | UyghurWiki | UyghurWiki