UyghurWiki
UyghurWikiنەمەھامىلىدار ئاياللار تاماقتىن پەرھىز تۇتسابولامدۇ؟

ھامىلىدار ئاياللار تاماقتىن پەرھىز تۇتسابولامدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ھازىر گەرچە ئىلىم - پەن مۇۋاپىق ھالدا تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ، بىراق يەنىلا بۇرۇنقى كونا ئۆرپ - ئادەتلەر جەمئىيەتتە ئېقىپ يۈرمەكتە. ھامىلىدار ئاياللارنىڭ تاماقتىن پەرھىز تۇتۇشىمۇ مۇشۇنىڭ ئىچىگە كىرىدۇ، مەسىلەن، بەزى يەرلەردە ئاياللار ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن قوي گۆشى، يازلىق بەسەي (كۆكتات، ئوتياش)، مېۋە - چېۋە يېسە بولمايدۇ. بۇلارنى يېگەندىن كېيىن تۇغۇلغان بالىلار <تۇتقاقلىق كېسىلى> قاتارلىق كېسەللەرگە گىرىپتار بولىدۇ. كۆكتات، مېۋە - چېۋىلەر سوغۇق كېلىدۇ دەپ قارىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىلمى ئاساسى يوق، ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان ھامىلە ئوزۇقلۇققا موھتاج بولۇپ، تۇغۇتلۇق ئاياللار تۇغۇت مەزگىلىدىكى قانسىراش ۋە تۇغۇتتىن كېيىنكى بوۋاقنى بېقىش جەريانىدا ئوزۇقلۇققا موھتاج بولۇپ، چوقۇم گۆش، تۇخۇم، بېلىق، كۆكتات، مېۋە - چېۋىلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىپ بېرىشى كېرەك. چۈنكى ھەرخىل يېمەكلىكلەر تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ تەركىبىمۇ ھەرخىل بولىدۇ. مەسىلەن، بېلىق گۆشىدە ئاقسىل كۆپ، كۆكتات، مېۋە - چېۋىلەردە ۋىتامىنلار كۆپ. شۇڭا، تۇغۇتلۇق ئاياللار تاماقتا پەرھىز تۇتماسلىقى كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە