UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالىلارنىڭ سۆزلىشىگە قانداق يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك؟

بالىلارنىڭ سۆزلىشىگە قانداق يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن تۇغما ئىرسىيەت ۋە كېيىنكى مۇھىتنىڭ تەسىرى. بالىلارنىڭ مىجەزىنىڭ تەرەققىي قىلىشىدا ساقلىنىدىغان سەۋەبلەرنىڭ بىرى. شۇڭا ئوخشاش ياشتىكى بالىلارنىڭ بەزىلىرى ناھايىتى تېز گەپ قىلالايدۇ. <دادا، ئاپا> دەپ چوڭلارنى قاتتىق خۇشال قىلالايدۇ. يەنە <دادا، ئاپا> دەپ چاقىرىشنى بىلمەيدىغان بالىلار بولىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى نورمال بولغان پەرق ھادىسىسى بولۇپ، ئاتا - ئانىنىڭ زىيادە قايغۇرۇشىنىڭ ھاجىتى يوق. گەرچە بالىنىڭ تىلى كېچىكىپ چىقسىمۇ، بىراق ئۇ سىزنىڭ سۆزىڭىزىنى ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدۇ. ئۇنداقتا بالىنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىدە ھېچقانداق مەسىلە بولمايدۇ. ئۇنىڭ مىجەزى بەلكىم بىر ئاز ئېغىر - بېسىق قاتارىغا كىرىشى مۇمكىن. مىجەزى شوخ، قىزغىن بالىلار ئوخشىماسلىقى مۇمكىن، مىجەزى شوخ قىزغىن بالىلارغا ئوخشاش كىشىلەرنى كۆرسىلا گەپ قىلىشى ناتايىن. بالىنى بالدۇرراق گەپ قىلغۇزماقچى بولسىڭىز، ئۇنىڭغا ناھايىتى ياخشى بولغان تىل مۇھىتى يارىتىپ بېرىشىڭىز، سۆزلەيدىغان پۇرسەتنى تېخىمۇ كۆپرەك يارىتىپ بېرىشىڭىز كېرەك. بەزى ئاتا - ئانىلارنىڭ ئۆزلىرىمۇ ئادەتتە كۆپ گەپ قىلىشنى ياقتۇرمايدۇ. بالىلار بىلەن بىرگە بولغاندا كۆپىنچىلىرى ئېغىر - بېسىق ھالەتتە ئولتۇرىدۇ. بۇنداق ئائىلە بالىلارنىڭ تىل ئىقتىدارىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا پايدىسىز. يەنە ئۇنىڭدىن باشقا مۇنداق بىر ئەھۋال بار. بالىلارغا نىسبەتەن توختىماستىن گەپ قىلىپ ئاغزى بېسىلمايدۇ. ئېغىزنى ئېچىش بىلەنلا نۇرغۇنلىغان سۆزلەرنى قىلىدۇ، يەنە سۈرئىتى بىر ئاز تېز. بۇنداق سۆزلەرنى چوڭلارمۇ كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ ئاندىن مەنىسىنى ئاران چۈشىنىشى مۇمكىن. بۇنداق بولغاندا بالىلار بىر ئازمۇ چۈشەنمەسلىكى مۇمكىن. گەرچە نۇرغۇن سۆزلەرنى قىلغان بولسىڭىزمۇ بىراق بىرئازمۇ چۈشەنمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە سىز توختىماستىن گەپ قىلىپ بالىڭىزغا گەپ قىلىش پۇرسىتى بەرمىسىڭىز، بالىڭىز ئېغىر - بېسىق بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئىمكانقەدەر ئادەم بولغان سۆز ياكى جۈملىدىن پايدىلىنىپ بالىغا گەپ قىلىپ بېرىش كېرەك. بالىنىڭ ئۆگىنىۋالىدىغان سۆزلىرى دائىم پاراڭلىشىش جەريانىدا ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. مەسىلەن: بالىغا دادىسىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ <دادا دەڭ> دېگەندە دادا دېگەن سۆزنى قايتا - قايتا تەكرارلاپ، ھەر قېتىمدا ئۇرغۇلۇق تەلەپپۇز قىلىش كېرەك. مۇشۇنداق بولغاندا <دادا> دېگەن سۆز بالىغا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ ھەم دادا بىلەن ئالاقە قىلىشقا باشلايدۇ. بالىلار بىلەن بولغان ئالاقە خۇشال - خۇرام كەيپىيات ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىشى، ھەرگىزمۇ مەلۇم بىر سۆزنى دېيىشكە قىستىماسلىق، ئەكسىچە ئىلھاملاندۇرۇپ قوزغىتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك. مەسىلەن: بالىغا كىچىك بىر ماشىنا ئويۇنچۇقنى بەرمەكچى بولغاندا بالىدىن <بۇنى ئالامسىز؟> دەپ سوراپ، بالىنىڭ باش لىڭشىتىشىنى كۆرگەن <بۇ نېمە؟> دەپ سوراش ئارقىلىق، ماشىنىنىڭ نامىنى دەپ بەرگەندە ئاندىن ماشىنىنى ئۇنىڭغا بېرىش كېرەك ھەم ئۇنى ماختاش، ئەگەر بالا سۆزلىيەلمىسە، سۆزلەشنى ئۆگىتىپ، ئۇنىڭ سىزگە ئەگىشىپ توغرا تەلەپپۇز قىلىشىغا قەدەر ساقلاپ، توغرا تەلەپپۇز قىلغاندىن دەرھال ئۇنى ماختاپ بېرىشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا رەسىملىك ژۇرنال كۆرۈش، كىيىم كىيدۈرۈش ئۈچۈن ئويناش قاتارلىق ھەر قايسى جەھەتتىكى پائالىيەتلەرمۇ تىل ئىقتىدارىنى مەشىق قىلدۇرۇشتىكى ياخشى پۇرسەت. ئائىلە باشلىقلىرى بۇ پۇرسەتتىن تولۇق پايدىلىنىپ، بالىغا كۆپرەك پۇرسەت بېرىشى كېرەك
← بارلىق تېمىلار نەمە