بالىلارنى نېمىشقا پەلەمپەيدە ئۆمىلەشكە ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
بالىلار بىر ياشقا كىرگەندە ماڭالايدۇ، بىراق پەلەمپەيگە چىقىپ چۈشەلمەيدۇ. شۇڭا پەلەمپەينى كۆرسىلا ئۆمىلەيدۇ ھەم بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇشال بولىدۇ. بىراق بەزى ئاتا - ئانىلار بالىلىرىنىڭ يارىلىنىشىدىن ئەنسىرەپ، پەلەمپەيگە كەلگەندە بالىنى كۆتۈرۈۋالىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئاتا - ئانىلار بۇنچىۋالا ئەنسىرەپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ، بىلىشىڭىز كېرەككى، بۇ ۋاقىتتا بالىلارنىڭ پەلەمپەيگە ئۆمىلەپ چىقىشىدا ئالاھىدە <تۇغما تالانت> بولۇپ، پۇت - قوللىرى بىلەن ناھايىتى پۇختا ھالدا پەلەمپەيگە ئۆمىلەپ چىقىپ چۈشەلەيدۇ. پەلەمپەيگە ئۆمىلەپ چىقىپ - چۈشۈش بولسا، مۇشۇ ياشتىكى بالىلارغا ناھايىتى ماس كېلىدىغان بىرخىل پايدىلىق ھەرىكەت. پەلەمپەيگە ئۆمىلەپ چىقىپ - چۈشۈش بولسا پۈتۈن بەدەن ھەرىكەتلىنىدىغان پائالىيەت بولۇپ، بالىلارنىڭ قول، پۇت، كۆز ھەتتا مېڭە قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى كۈچەيتىپلا قالماستىن، مۇسكۇل ۋە سۆڭەكنىڭ مۇستەھكەم بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ شۇنداقلا بالىلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى، ئۆزىگە ئىشىنىش ئىرادىسىنى چېنىقتۇرىدۇ. شۇڭا، بالىلار پەلەمپەيگە ئۆمىلەپ چىقىپ چۈشۈشنى بىلمىسە، بالىغا ئۆگىتىش كېرەك. ئاتا - ئانا بولغۇچى بالىلارنىڭ بىر پەلەمپەي ئارتۇق ماڭسا، بىر قېتىم چېنىقىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ناھايىتى پايدىلىق ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشى كېرەك.